«ياش تۈركىستان» مەجمۇئەسى 1929-يىلىدىن باشلاپ پارىژدا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان ئورتاق تۈركى تىلىدىكى سىياسىي، تارىخىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي خاراكتېردىكى ئايلىق ژۇرنالدۇر.
بۇ ژۇرنال 1920-يىللاردا رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىدىن قېچىپ چىققان تۈركىستانلىق مىللەت سەرخىللىرىنىڭ ياۋروپاغا يىغىلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر ژۇرنال رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا قىزىللاشتۇرىلىۋاتقان غەربىي تۈركىستان بىلەن خىتاي مۇستەملىكىسىنىڭ ئاسارىتىدە قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلغان.
تۈركىستانلىق مەشھۇر مىللەتپەرۋەر سەرخىللارنىڭ بىرى بولغان مۇستافا چوقاي ئوغلى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى قەلبىدە ۋەتەن ئىشقى يېنىپ تۇرغان كۆپلىگەن ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلار ئۆز يازمىلىرى بىلەن مەزكۇر مەجمۇئەنىڭ ماقالە مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلغان. «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلى شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىكى بارچە خەلقلەر چۈشىنەلەيدىغان ئورتاق تۈركى تىلىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھەر ئايلىق سانلىرى نەشردىن چىقىشى بىلەنلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇرمەنلەرگە تارقىتىلغان. ئۆز دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ ژۇرنالنىڭ ئورتا ئاسىيا رايونىغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلىگەن ھەمدە ئۆزبېك، قازاق ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەردىن مەخسۇس قىزىل مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر ئېلىنى كونترول قىلىپ تۇرغان شېڭ شىسەيمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بۇ ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىشىنى چەكلىگەن.
1931-يىلى قۇمۇلدا مىللىي ئىنقىلاب باشلىنىپ ئۇنىڭ يالقۇنلىرى ناھايىتى تېزلىكتە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە تۇتاشقاندىن كېيىن، پارىژدا چىقىدىغان «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلى بۇ ھەقتە كەڭ كۆلەمدە خەۋەر بېرىشكە باشلىغان. مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر دەسلەپ تۈرلۈك يوللار بىلەن «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلىدا ۋاسىتىلىك ھالدا ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. 1934-يىلىنىڭ باشلىرىدا شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي يوسۇندا ئىش بىرلىكى قۇرۇشى ھەمدە ما جۇڭيىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان ئارمىيىسىنىڭ خىيانىتى بىلەن دەسلەپ قەشقەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاندىن خوتەندىكى ئىسلام ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابى مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتۇپ، ئىنقىلابقا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم كىشىلەر چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار يۇرتىدا يۈز بەرگەن مىللىي ئىنقىلابنىڭ جەريانى ۋە ئاچچىق ساۋاقلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر يازارلىرى تەرىپىدىن «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلىدا بىۋاسىتە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
1937-يىلى ئاپرېل ئايلىرىدا گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قانچىلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قولىغا قەلەم ئېلىپ «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى دائىملىق ئاپتورلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. شۇ يىللاردا شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابى ھەمدە ئۇنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرى ھەققىدىكى ماقالىلەر «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەھىپىلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھىندىستاننىڭ سىرىناگار، دېھلى ۋە بومباي، ئافغانىستاننىڭ كابۇل، خىتاينىڭ نەنجىڭ ۋە شاڭخەي ھەمدە ياپونىيىنىڭ توكيو قاتارلىق شەھەرلىرىدە ۋەتەن داۋاسى ئۈچۈن تىنىمسىز چېپىپ يۈرگەن ئۇيغۇر يازارلىرى تەرىپىدىن پارىژغا يوللانغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھەققىدىكى ماقالە-ئەسەرلەر «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلىنىڭ ھەر بىر سانىدىن ئورۇن ئېلىپ تۇرىدۇ.
«ياش تۈركىستان» ژۇرنىلىنىڭ 1938-يىللىق سانلىرىغا نەزەر تاشلىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان مىللىي ئىنقىلاب تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ھەر سانىدىكى ئەڭ مۇھىم باش ماقالىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تەھرىر ئىلاۋىسى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىمىن ۋاھىدىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا بىر قاراش»، مەجىدىدىن ئەھمەدنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئەتراپىدا»، تاجى ئەھمەدنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مىللىي پاجىئەسى ئەتراپىدا» قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىلىرى مىللىي ئىنقىلاب شاھىتلارنىڭ بىۋاسىتە ئىنكاسى سۈپىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ماقالىلەردە ئاپتورلار ئۆزلىرى بىۋاسىتە كۆرگەن ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلەرگە ئاساسلىنىپ، مىللىي ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشىدىن تاكى ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەرياننى ئەسلەپ ئۆتىدۇ. ئىنقىلابنىڭ ئۇتۇقلىرى بىلەن كەتكۈزۈپ قويغان ئەجەللىك خاتالىقلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرى بىلەن مۇھىم شەخسلەرنىڭ ئىنقىلاب جەريانىدا ئوينىغان روللىرى ھەمدە ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەرەپلىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ماقالىلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى نەتىجىسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئاچچىق تەجرىبە-ساۋاقلىرى يەكۈنلىنىدۇ.
قىسقىسى، «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل رېجىمى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنغان ئورتا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ رېئال ھاياتىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 1930-يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى جاھان مىقياسىغا ئاشكارا قىلغان مۇھىم مەتبەئە ھېسابلىنىدۇ.