قىرغىزىستاندىكى «ياشلىق ئاۋازى» پروگراممىسى خۇلاسىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ياشلىق ئاۋازى» پروگراممىسى تەشكىلى ھەيئىتى 22-دېكابىر كۈنى بىشكەكتىكى «ۋېرسال» رېستورانىدا 2015-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ياشلىق ئاۋازى» پروگراممىسى 2014-يىلنىڭ باشلىرىدا بىشكەكتىكى بىر تۈركۈم مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، پروگراممىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ياشلارنى زامانغا لايىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت ئىكەن.

22-دېكابىردىكى پائالىيەتكە بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كەلگەن 400 گە يېقىن ياشلار قاتناشتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ياشلار ئاۋازى» پروگراممىسى تەشكىلى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى پەرھات سەلىيىف ئۆزلىرىنىڭ ئوي-مەقسەتلىرى ھەمدە چوڭلاردىن كۈتىدىغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز بۇ پروگراممىنى 2014-يىلى باشلىغان. بىز ئۇيغۇر ئاتىلار ھەم ئۇيغۇر ئانىلاردىن بىز ياشلارنىڭ ياراملىق ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ھەر تەرەپتىن مەدەت ھەم غەمخورلۇق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان قىرغىزىستاندىكى ئاتاقلىق كارخانىچى، تونۇلغان جامائەت ئەربابى تۇرسۇنتاي سەلىمۇف، قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپىنىڭ باش يىگىت بېشى ئۆمەرجان ھەمراھ، پاكرۇۋكا مەھەللىسىنىڭ باشلىقى نۇرمۇھەممەت باياخۇن، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى پەرھات تۆلەندىيىف قاتارلىقلار ياشلارنى بۈگۈنكى پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ، ياشلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

باش يىگىت بېشى ئۆمەرجان ھەمراھ ئۆز سۆزىدە ياشلارنى ئەجدادلارنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلالايدىغان ئەۋلادلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن كېلىۋاتقان بىرلىك ۋە ئۆملۈك يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىسىلەر. بىز سىلەرنى قوللايمىز.»

پاكرۇۋكا يېزىسىنىڭ باشلىقى نۇرمۇھەممەت باياخۇن ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۈگۈن يالغۇز مەنلا ئەمەس، بارلىق مېھمانلار سىلەردىن سۆيۈنۈپ ئولتۇرۇۋاتىمىز. مەن ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ بىر-بىرىنى قوللايدىغان، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدىغان، بىرلىكتە ئالغا باسىدىغان ياشلاردىن بولۇشىنى خالايمەن.»

بۇ پائالىيەتكە يەنە، ئالماتادىكى «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، بىرلەشمىنىڭ ياشلار بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىسى سۇلفى مەشرەپۇف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز چۇڭقۇر ھاياجانلىق ھېسسىياتىمىز بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ‹ياشلىق ئاۋازى› نامىدىكى بۇ پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتىمىز. بىز ئىككى مەملىكەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە ئۆتكۈزسەك، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.»

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە قىرغىزىستاننىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سەنئەت، تەنتەربىيە، قۇرۇلۇش، قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۆز تىرىشچانلىقلىرى بىلەن زور نەتىجە ياراتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئىبراھىم خالمۇرات، ئىلزات پەيزۇللا، سۈرىيە قۇربانۇۋا، نۇرىيە مەسۇمۇۋا، يادىگار قاسىم، يەسىمىن ئىبراھىم، رۇستەم ئابدۇرۇپ قاتارلىقلار خاتىرە بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى.

پائالىيەتتە يەنە بىشكەكتىكى ھەر قايسى سەنئەت ئانسامبىللىرىنىڭ ئارتىسلىرى ياشلارغا نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلدى.