ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىگە بولغان ئېھتىياجىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن گوللاندىيەدە «ياۋروپا ئۇيغۇر ناۋا ئانسامبىلى» رەسمىي قۇرۇلغان.
ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرىدىن جەۋدات يادىگار، پەرھات ئابىت، بەختىيار ۋە ئۇيغۇر ناخشىچى تاش مەمەت ئەپەندىلەر بىر جايغا جەم بولۇپ قۇرغان بۇ ئانسامبىلى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىشلىرىدا، توي-تۆكۈنلىرىدە، مەشرەپلەردە ۋە ھېيت-بايراملاردا ئۇيغۇر مىللىي ناخشا ۋە مۇزىكىلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنىمۇ تونۇتۇشقا زور تۆھپە قوشماقتا. بىز 8-ئاينىڭ 21-22-كۈنلىرى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مەشرەپ جەريانىدا مەزكۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دۇتارچى پەرھات ئابىد ئەپەندى، مەزكۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
غەرب دۇنياسىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدى، توي قىلىش يېشىغىمۇ كېلىپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن پائالىيەتلەر بولۇۋاتىدۇ، مۇشۇنداق بىر ئانسامبىلىغا ئېھتىياج بار. مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز تۆت كىشى «ياۋروپا ئۇيغۇر ناۋا ئانسامبىلى» نامىدا بىر ئۆمەك قۇردۇق.
نېمە تەكلىپلەر كېلىۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا پەرھات ئابىد ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 3 تويغا بېرىپ ناخشا ۋە مۇزىكا ئىجرا قىلدۇق، ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ھەتتا تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن تەكلىپ كەلسىمۇ بارىمىز. پەقەتلا توي-تۆكۈندىلا ئەمەس، ھەر قانداق پائالىيەتكە بېرىپ مۇزىكا ئىجرا قىلىشقا بىز تەييار.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن گوللاندىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەختىيار ئەپەندى، بىر مىللەتنى تونۇتۇش ئۈچۈن سەنئەتنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، «ياۋروپا ئۇيغۇر ناۋا ئانسامبىلى» نىڭ ھازىرچە ئۇيغۇرلارغا سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلاۋاتقانلىقىنى، كېلەچەكتە ياۋروپالىققىمۇ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى تونۇتۇشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
زەينىدىن ئەپەندى بۇ ئۆمەكنىڭ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەنىۋى ئوزۇق بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە گوللاندىيە خەلقىنىڭمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.