قەيسەرىدە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يېتىشىپ چىقتى
2013.02.19
قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار 1960-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاچارچىلىق مەزگىللىرىدە ئافغانىستاندا بىر مەزگىل پاناھلانغاندىن كېيىن، 1965-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە كەلگەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق بۇ كۆچمەن ئۇيغۇرلارنى تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارغا ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇپ بەرگەن ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا 200 ئائىلىلىك بۇ ئۇيغۇر كۆچمەننىڭ ئارىسىدا پەقەتلا ئۈچ مۇدەررىس بار بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تولىمۇ تۆۋەن ئىدى. 1975-يىلىغا كەلگەندە، بىرلا كىشى ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگەن بولۇپ، 1980-يىللاردىن كېيىنكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئوقۇپ يېتىشىشكە باشلىغان.
ئۇلارنىڭ تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ھەتتا چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىشى نەتىجىسىدە قەيسەرى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپا بىراقلا ئۆسكەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئوقۇمىغان بىرمۇ كىشى قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆپ ساندا ئوقۇتقۇچى، ئوفىتسېر، بىر داڭلىق مېڭە كېسەللىكلىرى دوختۇرى، ھەربىي ئۇچقۇچى، ساقچىخانا باشلىقى، ئاكادېمىكلارغا ئوخشاش ھەرساھە كىشىلىرى يېتىشىپ چىققان. ئۇلارنىڭ كۆپى ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدۇ. بۇلار تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە دۆلەت تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش بىلەن بىرگە ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلماقتا.
بىز قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۇنجى زىيالىيسى بولغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باشلىقى ھامىتخان گۆكتۈرك ئەپەندى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن سادىق بايقارا ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.