قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىسى خەمىت ھەمرايېفنىڭ يېقىندا ئالمۇتادىكى «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان «غۇلجا يولى» ناملىق تارىخى رومانىنىڭ ئىككىنچى كىتابى 1919-1921-يىللىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھاياتىغا بېغىشلانغان. ئەسەرنىڭ باش قىسمىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە مەخسۇس تۈركىستان كومىسسىيىسى دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇپپىنى قۇرۇپ، ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلاردىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى شۇنىڭدەك باشقا بىر قاتار ئەھۋاللار تارىخىي ھۆججەتلەر ئاساسىدا بەدىئىي تەسۋىرلەنگەن.
«غۇلجا يولى»نىڭ ئىككىنچى كىتابىنىڭ بىرىنچى قىسمى «تۈركىستان كومىسسىيىسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئاپتور 2-بابتا رۇسىيەدىكى ئاقلار بىلەن قىزىللار ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئەۋجىگە چىققان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت تۈزۈمىگە قارشى ئېرگەش، مەدەمىنبەگ قاتارلىقلار باشچىلىقىدا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەن پەيتتە پېتېربۇرگدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى، ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېت رەئىسى لېۋ تروتسكىينىڭ «دۇنيا ئىنقىلابى» نەزەرىيىسىنى تەرغىب قىلىپ، قانداق شەكىلدە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمەنلىرى جۈملىدىن ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى ياۋروپا، يەنى ئانتانتا كۈچلىرىگە زەربە بېرىش پىلانى ئۈستىدە باش قاتۇرغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئەينى ۋاقىتتا لېنىننىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ۋە پۈتۈن ھەربىي ھوقۇقنىڭ ساھىبى تروتسكىينىڭ قىياپىتى پەيدا بولىدۇ.
تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، 1918-يىلى 3-مارت كۈنى سوۋېت ھۆكۈمىتى گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقچى دۆلەتلەر بىلەن برېتس شەھىرىدە «برېست-لىتوۋسكىي شەرتنامىسى»ئىمزالاپ، رۇسىيەنىڭ ئانتانتا دۆلەتلىرى تەركىبىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ دۈشمىنى گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى پۈتۈن ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. نەتىجىدە، ئانتانتا دۆلەتلىرى سوۋېت ھۆكۈمىتىنى يوقىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە كىرىشىپ، كولچاك باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلارغا قارشى كۈچلەرنى قوللىدى. 1919-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىزىللار بىلەن ئاقلار ئارمىيىسى ئارىسىدا بولغان ئۇرۇشلار كەڭ دائىرىلەرگە كېڭىيىپ، ۋەزىيەت ئۆتكۈرلەشتى. سوۋېت ھاكىمىيىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يېتىم قالدۇرۇشىغا ئۇچرىدى. مانا شۇ ۋاقىتتا سوۋېت بولشېۋىكلىرى قۇتۇلۇش ياكى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھالقىلىق پەيتتە بولشېۋىكلەر دۇنيا ئىنقىلابى ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىپ، ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ بېرىتانىيە مۇستەملىكىسىگە قارشى ھەرىكىتىنى قوزغاش ئارقىلىق ئۇنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە بولغان بېسىمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن ئىدى. سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە دېڭىز مۇداپىئە ئىشلىرى كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى لېۋ تروتسكىي دۇنيا ئىنقىلابىنى ئاسىياغا كېڭەيتىش تەرغىباتچىسى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرى ئەنە شۇ 1919-1922-يىللىرى ئارىسىدىكى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن ئىدى.