تارىخچى داۋۇت ئىسىيېف يەتتىشەھەر دۆلىتىنى ئۇيغۇر دۆلىتى دەپ ئاتىغان دەسلەپكى ئالىم

0:00 / 0:00

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن بىر قاتار ئالىملار يېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىتتىپاق بويىچىمۇ مەشھۇر بولغان ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى تارىخچى داۋۇت ئىسىيېفتۇر.

د. ئىسىيېفنىڭ مەنبەلەرگە ئاساسلانغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۈرىشى، مۇستەقىل يەتتىشەھەر دۆلىتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش تارىخى ھەققىدە يازغان «يەتتىشەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى» ناملىق كىتابى دەسلەپتە موسكۋادا، ئاندىن ئالماتادا نەشر قىلىندى. ئۆز تەتقىقاتىدا ئۇ دەسلەپكىلەردىن بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتنى ئۇيغۇر دۆلىتى دەپ ئاتىغان.

ئۇ شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن بىرىنچىلەردىن بولۇپ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئوقۇش دەرسلىكى يېزىپ چىققان.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.