يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار كۆپ ئازاب چەككەن ئىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.08.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ghulja-xerite-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئورنى.
RFA


بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىدىن قوشنا يەتتىسۇ رايونىغا ئاممىۋى يوسۇندا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقانلىقىغا 135 يىل بولدى.

تارىخى مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، 1864 - يىلى ئىلىدىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مانجۇ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە، ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ، 6 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن، 1871 - يىلى چار رۇسىيە ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىپ، 1881 - يىلىغىچە 10 يىل ھۆكۈمرانلىق ئورناتتى. ئەمما، 1881 - يىلى رۇسىيە بىلەن چىڭ ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «پېتېربۇرگ شەرتنامىسى»گە بىنائەن ئىلى چىڭ سۇلالىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلدى.

ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن ئىمىنجان باۋۇدوننىڭ «ئىلى تارىخى» ۋە باشقا ئەسەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنە شۇ مەزگىلدە ئىلى ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى يەتتىسۇغا كۆچۈش يولىنى تاللىغان ئىدى. بۇ كۆچۈش 1881 - يىلىدىن 1883 - يىلىغىچە داۋام قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە مەزكۇر ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى شەكىللەندۈردى. كۆچكەن ئۇيغۇرلار باشلىرىدىن ئېغىر كۈلپەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ھەر خىل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

1871 - يىلى چار رۇسىيەنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىشى ھەم مىڭلىغان قۇربانلار ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلىشى، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رۇسىيە قول ئاستىدىكى يەتتىسۇ تەۋەسىدە سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. ئون يىلدىن كېيىن، يەنى 1881 - يىلى رۇسىيە بىلەن چىڭ ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «پېتېربۇرگ شەرتنامىسى»گە بىنائەن ئاھالىگە ئۆز يۇرتىدا قېلىش ياكى رۇسىيە تەركىبىگە كۆچۈپ، ئۇنىڭ پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلىش ئەركىنلىكى بېرىلدى. ئەنە شۇ مەزگىلدە ئىلى ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى رۇسىيە پۇقراسى بولۇش ئىستىكىنى بىلدۈرۈپ، يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىققان ئىدى. بۇ كۆچۈش، تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، 1881 - يىلدىن 1883 - يىلغىچە داۋام قىلغان. كۆچۈپ چىققانلار ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۆسەك، چارىن، چېلەك ۋە تالغىر دەريالىرى بويىغا ئورۇنلىشىپ، كۆپلىگەن يېزىلارنى بەرپا قىلدى.

ئىلى ئۇيغۇرلىرى كۆچ - كۆچ دەۋرىدە ھەم كېيىنكى يىللاردا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا، شۇ جۈملىدىن سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى ئېغىرچىلىقلارغا، كەمسىتىشلەرگە، يوقىتىشلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنلىرى ئۆكتەبىر جامالدىنوف ۋە ئۆمەرجان باۋدىنوفلار بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.