ئالماتادا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «يىگىت سۇلتانى» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
2013.05.28
27-مايدا ئالماتادىكى «قازاقكونسېرت» زالىدا «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇرنىڭ يىگىت سۇلتانى» ناملىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭدا ياش سەنئەتكارلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق نامايەندىلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتىن تاشقىرى، يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىغا، ئەدەبىيات، تارىخ، سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاشقا ئىنتىلىشىنى نامايىش قىلدى. مەزكۇر مۇسابىقە داۋامىدا «پەرى»، «دىلخۇش»، «نىدا»، «ئامانەت» قاتارلىق ياش سەنئەت گۇرۇپپىلىرى، شۇنداقلا ئىلشات ئۆمەرجان، شاھسەنەم قاھاروۋا كەبى غۇنچىلار ئۆز ھۈنەرلىرىنى كۆرسەتتى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ رەھبىرى قەلبىنۇر روزىيېۋا ۋە قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ دراما ئارتىسى، «قۇرمېت» مىدالىنىڭ ساھىبى تۇردىبۈۋى ئابلىزوۋا بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.