قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يىللىق ھېسابات بەردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.05.30
telman-nuraxunof.jpg شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف(سولدىن بىرىنچى) قازاقىستانلىق ۋەكىللەر بىلەن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ شېئىرىيەت بايرىمىدا. 2013-يىلى 1-ئىيۇن، بىشكەك.
RFA/Oyghan

27-مايدا ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ 2015-يىل بويىچە ھېسابات يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. كۆپلىگەن شائىرلار، يازغۇچىلار، دراماتۇرگلار، تەنقىدچىلەر، ئالىملار قاتناشقان بۇ يىغىننى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان پارلامېنت سېناتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى نۇرلان ئورازالىن ئاچتى. ئۇ ئۆز سۆزىدە بۈگۈنكى كۈندە كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتى ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ئاتاپ ئۆتۈپ، دوكلاتچىلاردىن ئۆتكەن يىلقى ئومۇمىي ئەدەبىي مۇھىتقا، قازاقىستانلىق يازغۇچىلارنىڭ ھەر ساھەلەردە يەتكەن ئۇتۇقلىرىغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن قازاق ئەدەبىياتىنىڭ پروزا، ھۆججەتلىك پروزا، پويېزىيە، بالىلار ئەدەبىياتى، تەنقىد، ساتىرا، دراماتۇرگىيە، فانتاستىكا، بەدىئىي تەرجىمىچىلىك ساھەلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە رۇس ئەدەبىياتلىرى بويىچە ئوقۇلغان دوكلاتلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلار، كەمچىلىكلەر، يازغۇچىلار ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف دوكلات قىلدى. ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن 2015-يىلى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئېيتارلىق پائالىيەتچانلىق كۆرسىتىپ كەتمىسىمۇ، بىر قاتار تىلغا ئالارلىق نەمۇنە ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ياخشى مەلۇم. ئاتاپ ئېيتقاندا، ئىستېداتلىق يازغۇچى-شائىرلاردىن ئىلاخۇن ژەلىلوفنىڭ ‹كۈلكە كارۋىنى› ھەجۋىيلەر توپلىمى، خۇرشىدە ئىلاخۇننىڭ ‹يۇرتۇم ئانام پۇرايدۇ›، ئەكرەم سادىروفنىڭ ‹ھايات جىلۋىسى› شېئىرلار توپلاملىرى، مۇھەممەتئىمىن ئوبۇلقاسىموفنىڭ ‹ئەدەبىي ئويلار ئىزتىرىپى› نامى بىلەن 6 تومى نەشر قىلىندى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سېپىگە قوشۇلۇۋاتقان تالانتلىق ياشلاردىن مولۇتجان توختاخۇنوفنىڭ ‹مەن مەكتەپكە بارغاندا› ناملىق شېئىرىي توپلىمى نەشردىن چىقتى. بۇ توپلام ياش ئۆسمۈرلەرگە بېغىشلىنىپ، قەلەم ساھىبىنىڭ ئىجادىدىكى نەمۇنىلىك ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى سۆزسىز.»

ت. نۇراخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر دراماتۇرگىيە ساھەسىدىمۇ تىلغا ئالارلىق ئىلگىرىلەشلەر يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەتلەردە ياشاۋاتقان 108 دراماتورگ قاتناشقان خەلقئارا مۇسابىقە ئۆتكەن. تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ كلاسسىك دراماتۇرگى، يازغۇچى خالدۇن تانېرنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان بۇ مۇسابىقىگە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر دراماتۇرگى ئەكرەم ئەخمەتوف «مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق سەھنە ئەسىرى بىلەن قاتنىشىپ، ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى. ت. نۇراخۇنوف شۇنداقلا بالىلار يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموفنىڭ «شېرىن ھايات» درامىسىنىڭ ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بەدىئىي كېڭىشىدىن ئۆتۈپ، پات يېقىندا تىياتىر تاماشىبىنلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بۇ يىلىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىنى يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلدى: «جۇمھۇرىيەت مىقياسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىسقا قارىماي، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بەدىئىي ئەسەرلىرى قازاق ۋە رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنماقتا. مەسىلەن، پېشقەدەم يازغۇچى ۋە دراماتورگ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ‹نۇر ئانا› پوۋېستى رۇس تىلىدا ‹ئاق ژايىق› ۋە ‹ئەلېم ئەدەبىئېتى› ژۇرناللىرىدا بېسىلدى. شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ‹ئاخىرقى چاقماق› ناملىق ھېكايەم قازاق تىلىدا ‹ژۇلدىز› ژۇرنالىدا، گۈلبەھرەم خوشايېۋانىڭ ‹سەنسىز ئاتقان تاڭلىرىم›، ‹مېنىڭ تاتلىق چۈشلىرىم› ناملىق ھېكايىلىرى قازاق تىلىدا ‹ئارۇژان› ژۇرنالىدا بېسىلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، تونۇلغان رومانچىمىز ئالىمجان باۋىدىنوفنىڭ ‹مەھبۇس› رومانى رۇس تىلىدا يورۇق كۆرۈپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاقساقىلى، پېشقەدەم شائىر ئابلىز ھېزىمنىڭ تېپىشماق، سۆز ئويۇنلىرى، شېئىرلار بولۇپ ئالاھىدە كىتابلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يورۇق كۆردى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشاپ، ئىجات قىلىۋاتقان ئەدىبنىڭ تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇر كىتابخانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى چوڭ خۇشاللىق.»

يىللىق ھېسابات يىغىنىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا سۆزگە چىققانلار دوكلاتلارغا ئۆز باھالىرىنى بېرىپ، يورۇققا چىقىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىكى، قازاقىستان يازغۇچىلىرى ئالدىدىكى ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم ۋە جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىر-تەكلىپلىرىنى بىلدۈردى. يىغىن ئاخىرىدا ن. ئورازالىن يىغىن يەكۈنىنى چىقىرىپ، دوكلاتچىلار ۋە سۆزلىگۈچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەم چۈشكەن تەكلىپلەرنىڭ يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسى تەرىپىدىن شەرتلىك تۈردە قارىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى مەزكۇر يىغىندا ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ قارالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر دۆلەت تەرىپىدىن باھالىنىپ ۋە چىقىرىلىدىغان ئەسەرلىرىمىز كۆپ يىللاردىن بېرى چىقمايۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە بۈگۈنكى يىغىندا ئەتراپلىق ئېيتىلدى. شۇنداقلا كېلەچىكىمىز توغرىلىق ئويلايدىغان بولساق، بالىلار توغرىلىق بەدىئىي ئەسەرلەر يېزىلىشى كېرەك. قازاق يازغۇچىلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ قامۇسىنى چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. دراماتۇرگىيە ساھەسىدىمۇ بىزنىڭ بالىلارنىڭ ھەسسىلىرى بار. بۈگۈنكى يىغىندا دراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ ‹مەھمۇد قەشقەرى› ئەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭ باھا ئالدى.»

ئە. ھاشىرى يىغىندا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مۇشۇ يىلى بارلىق مىللەتلەرنىڭ قاتنىشىشىدا قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلانغان چوڭ ئەدەبىي كەچ ئۇيۇشتۇرۇش، قازاقىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەتبۇئاتلىرىدا قازاقىستان ئەدەبىياتىنى تەشۋىق قىلىش ئىشلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىن بىر توپ يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ئوخشاش ئىشلار ھەققىدە سۆز بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر يىللىق ئەمگىكىنىڭ ھەممە ساھەلەر بويىچە ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرى، ئۆز تارىخىنى بىلىش ئۆز ئالدىغا چوققا بولسا، ئىككىنچىدىن، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى دەۋرىدە ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، بىللە ياشاۋاتقان خەلقلەر ۋە باشقىلار ھەققىدە ئەسەرلەرنى يېزىش. ئومۇمەن يازغۇچىلارغا بولغان غەمخورلۇق بۇرۇنمۇ بولغان، ھازىرمۇ بولىدۇ. ھازىر بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغىمۇ ناھايىتى چوڭ كۆڭۈل بۆلۈنۈۋاتىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.