«خەلقئارالىق يىپەك يولى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارمۇ سۆز قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.07.03
xelqaraliq-yipek-yoli-muhakime-yighini-1.jpg

«خەلقئارالىق يىپەك يولى: كورېيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەتلەر ئالمىشىشى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 2-ئىيۇل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

xelqaraliq-yipek-yoli-muhakime-yighini-2.jpg

«خەلقئارالىق يىپەك يولى: كورېيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەتلەر ئالمىشىشى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 2-ئىيۇل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

xelqaraliq-yipek-yoli-muhakime-yighini-3.jpg

«خەلقئارالىق يىپەك يولى: كورېيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەتلەر ئالمىشىشى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 2-ئىيۇل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

xelqaraliq-yipek-yoli-muhakime-yighini-4.jpg

«خەلقئارالىق يىپەك يولى: كورېيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەتلەر ئالمىشىشى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 2-ئىيۇل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

xelqaraliq-yipek-yoli-muhakime-yighini-5.jpg

«خەلقئارالىق يىپەك يولى: كورېيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەتلەر ئالمىشىشى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 2-ئىيۇل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

xelqaraliq-yipek-yoli-muhakime-yighini-6.jpg

«خەلقئارالىق يىپەك يولى: كورېيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەتلەر ئالمىشىشى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 2-ئىيۇل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

xelqaraliq-yipek-yoli-muhakime-yighini-7.jpg

«خەلقئارالىق يىپەك يولى: كورېيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەتلەر ئالمىشىشى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 2-ئىيۇل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

xelqaraliq-yipek-yoli-muhakime-yighini-8.jpg

«خەلقئارالىق يىپەك يولى: كورېيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەتلەر ئالمىشىشى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 2-ئىيۇل، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىستانبۇلدا «خەلقئارالىق يىپەك يولى: كورېيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەتلەر ئالمىشىشى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارمۇ سۆز قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، يىپەك يولى توغرىسىدا توختالغاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەرلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ھەتتا سوئال-جاۋاب قىسىملىرىدا پىكىر بايان قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بەس مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «يىپەك يولىدا ئىككى مۇھىم رايون بار، بۇنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان، يەنە بىرى تۈركىيە، ئەگەر بۇ ئىككى رايوندا مەسىلە چىقىدىغان بولسا يىپەك يولىنىڭ داۋام قىلىشى قىيىن بولىدۇ».

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى، جەنۇبىي كورېيە كېميۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يىپەك يولى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى ۋە «تۈرك ئوچاقلىرى» نىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2 كۈن داۋام قىلدى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركىيە ۋە جەنۇبىي كېرىيەلىك تەتقىقاتچىلاردىن 50 تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس قەدىمكى يىپەك يولى ۋە ئۇنىڭ تارىخى شۇنداقلا خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى پروفېسسور فىكرەت تۇران سۆز قىلدى ۋە تارىختىن بۇيان تۈركلەرنىڭ يىپەك يولى جۇغراپىيەسىدە ياشاپ كەلگەنلىكىنى ۋە تەسىرلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: يىپەك يولى، كورېيە ۋە خىتايدىن باشلىنىپ، تۈركلەر ياشايدىغان سىياسىي جەھەتتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، تۇرپان، بۇخارا، قەشقەر، سەمەرقەنت، ھىۋە، تاشكەنت، خوراسان، ئەرزۇرۇمغىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ شەھەرلەر ھۆكۈمرانلىق دەۋرىنى نەچچە يۈز يىل داۋام قىلدۇردى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان كورېيە كېميۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور، لى جۇڭخې تۈركىيە-كورېيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە تۈركىيە ۋە كورېيە مۇناسىۋەتلىرى ئاساس قىلىنىپ مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ يەردە سۆز قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەردە مەركىزى بىر ھالقا يارىتىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتىمەن.»

ئۇ مۇنداق دېدى: «كېيميۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدا 2014-يىلى قۇرۇلغان يىپەك يولى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتى يىپەك يولى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ماقالە يېزىلىپ نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. ئىنستىتۇت ئۆزبېكىستان ۋە ئىران ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۈركىيە توغرىلىقمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.»

يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسى ۋە گېئوپولىتىكا جەھەتتىكى تەكشۈرۈشلەر» دېگەن تېمىدا، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور چاغداش ئۆنگۈر سۇنار «يىپەك يولىدا ئوخشىمايدىغان ۋەزىپىلەر: ياۋرو-ئاسىيا گۇرۇپپىسى بىلەن ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانى ھەققىدە بىر سېلىشتۇرما» دېگەن تېمىدا، ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور جەرەن ئەرگەنچ «تۈركىيە ۋە كورېيە ئۈستىدە بىر سېلىشتۇرما» دېگەن تېمىدا، كورېيەلىك تەتقىقاتچى سۇڭمىن كىم «خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا، كورېيە، رۇسىيە ۋە تۈركىيە» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ماقالىسىدە خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «يىپەك يولىدا ئىككى مۇھىم رايون بار، بۇنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان، يەنە بىرى تۈركىيە، ئەگەر بۇ ئىككى رايوندا مەسىلە چىقىدىغان بولسا يىپەك يولىنىڭ داۋام قىلىشى قىيىن بولىدۇ.»

بۇ يىغىن 10 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر بۆلۈمدە 4 تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقاللىرىنى تەقدىم قىلىدىكەن. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغۇچىلار «يىپەك يولى» توغرىسىدا توختالغاندا، تۇرپان، قەشقەر ۋە تەكلىماكاننىڭ «يىپەك يولى» نىڭ ئۆتكەللىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب بۆلۈمىدە كورېيەلىك بىر تەتقىقاتچى يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ دوكلاتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى پىلانى» غا تۈركىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىجابىي نۇقتىدىن قارايدىغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ كورېيەنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇنىڭغا سەلبىي نۇقتىدىن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن باشقۇرغۇچى پروفېسسور راگىپ كۇتاي كاراجا ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەنىڭمۇ بۇ پىلانغا ئىجابىي قارىمايدىغانلىقىنى، ئەمما بەزى سەۋەبلەرگە كۆرە تەرەددۇت ئىچىدە قالغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پروفېسسور راگىپ كۇتاي كاراجا ئەپەندى سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي شىركەتلىرى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرەر كېلىشىم تۈزۈپ سەرمايە سالسا ھېچ كىمدىن بىر نەرسە سېتىۋالمايدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە ئىنژېنېرلىرىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىدۇ شۇ سەۋەبتىن سەرمايە سېلىنغان دۆلەتكە ھېچ قانداق پايدىسى بولمايدۇ. پاكىستان ۋە ئافرىقىدا بۇنىڭ مىساللىرىنى كۆرەلەيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەھەتتە تۈركىيەدىمۇ ئىككىلىنىش بولۇۋاتىدۇ، ئەمما خىتاينىڭ ‹يېڭى يىپەك يولى› پىلانىغا ئىجابىي قاراۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە.»

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە بەزى تەتقىقاتچىلار خەلقئارالىق يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى. ئۇلاردىن بىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى. ئۇ «يىپەك يولىنىڭ ئانا ۋەتىنى ۋە كەشپىياتچىلىرى توغرىسىدا يېڭى مۇلاھىزە» دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور فەريال قورقماس «يىپەك يولىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۈمران يامان «يىپەك يولى ئۆتكەللىرىدىن تۇرپان شەھىرىگە بىر قاراش» دېگەن تېمىلاردا دوكلات تەقدىم قىلدى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى پىلانى» غا رايوندىكى خەلقلىرىنىڭ قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى، پاكىستاننىڭ گىلگىت، بالوچىستان قاتارلىق قوشنا رايونلار خەلقلىرىنىڭ قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ پىلاننىڭ مەزكۇر رايونلاردىكى يەرلىك خەلقلەرگە پايدا ئېلىپ كەلمەستىن، بەلكى خىتاينىڭ ھەر جەھەتتىن سۈمۈرۈشىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۆزىنىڭ بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلارنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانى، ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۇنيادىكى چوڭ كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى خالىمايدۇ. خىتاينىڭ قۇرۇقلۇقتىن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان يېڭى يىپەك يولى پىلانى شەرقىي تۈركىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقىي تۈركىستان يىپەك يولىدا خىتاينىڭ چىقىش ئېغىزى، بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقى ياكى مۇقىمسىزلىقى خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى ئاشۇرالماسلىقىغا باغلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەن بۇ يىغىندا مۇشۇ مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان ھالدا سۆزلەپ ئۆتتۈم.»

بىز يەنە بۇ يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ماقالىسىدە «يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى زادى قەيەردە، ئۇنى گۈللەندۈرگۈچىلەر زادى كىملەر؟» دېگەن سوئالنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى شەرق ۋە غەربكە تۇتاشغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.