ئالماتادا ئۆتكەن كىتاب كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

7-ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ «ئاتاكېنت» كۆرگەزمە مەركىزىدە «ئۇلۇغ يىپەك يولىدا-2017» ناملىق 9-قېتىملىق خەلقئارا كىتاب ۋە نەشرىياتچىلىق كۆرگەزمىسى بولۇپ ئۆتتى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي كۇتۇپخانىسى، «ئاتاكېنت-ئېكسپو خەلقئارا كۆرگەزمە كومپانىيىسى ۋە نەشرىياتچىلار بىرلەشمىسى » بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بۇ كۆرگەزمە دائىرىسىدە «قازاق-بېلارۇس ئەدەبىي ھەمكارلىقى» ماۋزۇسىدا خەلقئارا يۇمىلاق ئۈستەل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر مۇراسىمدا شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنستىتۇت كوللېكتىپى نەشر قىلغان «21-ئەسىر دۇنيا ئەدەبىيات جەريانى»، «قازاق-ئامېرىكا ئەدەبىي ئالاقىلىرى: ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى» ۋە «ئاباي قۇنانباي ئىجادىيىتى چەتئەل قارىشىدا» ناملىق كىتابلار تونۇشتۇرۇلدى. مۇراسىمنى ئاچقان ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەھلىل ۋە تاشقى ئەدەبىي ئالاقىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۋېتلانا ئانانيېۋا ئۆز سۆزىدە بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، ئۆزئارا ئەدەبىي ئالاقىلەر، قازاقىستاننىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان مەدەنىي ئالاقىلىرى ئۈستىدە توختالدى. يىغىندا سۆزگە چىققان بېلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بويىچە چوڭ مەسلىھەتچىسى سېرگېي جارتۇن، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى لېئونىد پىتالېنكو، «پروستور» ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى قايرات باقبېرگېنوف ۋە باشقىلار قازاقىستان-بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستان-ئامېرىكا ئەدەبىي ئالاقىلىرى، بولۇپمۇ تەرجىمە ئىجادىيىتىنىڭ خەلقلەر ئارا دوستلۇقنى مۇستەھكەملەشتىكى رولى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى دائىرىسىدە ئۆتۈۋاتقان مەزكۇر مۇراسىمنىڭ ئەھمىيىتىنى يۇقىرى باھالىدى. ئۇلار شۇنداقلا كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن راۋاجلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى سۋېتلانا ئانانيېۋا كېيىنكى ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن قازاقىستانلىق يازغۇچىلار ئەسەرلىرىنىڭ ئىنگلىز، بېلارۇس ۋە باشقىمۇ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

س. ئانانيېۋا ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەبىي ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەشتە بولۇپمۇ بېلارۇسلۇق تەرجىمانلارنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە زىيا سەمەدى، خىزمەت ئابدۇللىن، تۇرغان توختەموف، دولقۇن ياسىن قاتارلىق ئاتاقلىق يازغۇچىلار بار. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشتا بولۇپمۇ نادېژدا چېرنوۋا ۋە ليۇبوف شاشكوۋا ئالاھىدە كۆزگە چۈشمەكتە.

دولقۇن ياسىن، ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف، پاتىگۈل سابىتوۋا قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان نادېژدا چېرنوۋا مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ مەن ش ئۇ ئا ر شائىرلىرىنىڭ پۈتۈن بىر كىتابىنى تەرجىمە قىلدىم. ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدە بۇ شېئىرلار ئۆز ۋاقتىدا مەنئى قىلىنغان. بەزى شائىرلارنىڭ ئىجاد قىلىشى چەكلەنگەن. بۇ كىتابنى مەن سوۋېت دەۋرىدە تەرجىمە قىلغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇس تىلى ئارقىلىق دۇنيا تونۇدى. مەن مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۆزلىرى بىلەنمۇ دوستلىشىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ مېنىڭ ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىقتۇر. مەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان كۆپلىگەن يېزىلاردا بولدۇم، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى، سەنئىتىنى ياخشى بىلىمەن، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىمۇ ياخشى كۆرىمەن».

«پروستور» ژۇرنالى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى ليۇبوف شاشكوۋا قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنى مۇستەھكەملەشتە بولۇپمۇ قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ رولىنى يۇقىرى باھالاپ، مۇنداق دېدى: «بىز، مەسىلەن، ئەخمەتجان ھاشىرى بىلەن بۇرۇندىنلا دوست. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ رومانىنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىنى ژۇرنالغا تەييارلاۋاتىدۇ. مەن دەسلەپ قېتىم 1985-يىلى ئۇنىڭ بىلەن ياركەنت تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا بولدۇم. مەن خۇرشىدە ئىلاخۇنوۋا ۋە پاتىگۈل مەخسەتوۋانىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ تەرجىمە قىلدىم. مەنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئىتىنى قاتتىق ھۆرمەتلەيمەن. ئۇيغۇرلار دائىم يىغىلىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر تىياتىرىدا بىر نەچچە قېتىم بولۇپ، كونسېرتلارنى، سەھنە ئەسەرلىرىنى چوڭ قىزىقىش بىلەن كۆردۈم. مەن ئەسەرلەرنى كۆپ تەرجىمە قىلغانلىقتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ھاياتى بىلەن ياخشى تونۇش».

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، بۇ مۇراسىم ھەقىقەتنىمۇ قازاقىستان-بېلارۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى نامايىش قىلغان. ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن بۇيان قازاقىستان، رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىلەن بىر قاتاردا مەدەنىي ئالاقىلەرمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئۇ كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭمۇ بېلارۇسىيە كىتابخانلىرىغا ئەتراپلىق ۋە كەڭ تونۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىنى، ئۇيغۇر ئالىملىرى ئەمگەكلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ يەنە بىر ياخشى پائالىيىتى چىققان كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا باغلىق كىتابلارنىڭ كۆپى تونۇشتۇرۇلدى. بېلارۇسىيەدىكىلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ناھايىتى باي خەزىنە ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتتى. ھازىر ئۇلار ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرىنى تونۇشتۇرۇش بويىچە لايىھە تەييارلىدى. ئۇنىڭغا بىزنىڭ بىر مۇنچە ئالىملىرىمىز قاتناشماقچى. شۇنداقلا ئانا دىيارىمىزدىكى ئەدەبىياتىمىز ھەققىدىمۇ بۇلارنىڭ ماقالىلىرى چىقتى».

ئا. ھەمرايېف بېلارۇسىيەدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈش بويىچە تەكلىپلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، يېقىن ئارىدا ئۇلار بىلەن تېخىمۇ ھەمكارلىشىپ، بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى ئالىملىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتى بويىچە ئىلمىي لايىھەنى تاماملاپ، تەتقىقاتلاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئېقىملار، ئەدىبلەر ئىجادىيىتىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ھەققىدە سالماق پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.