تەيۋەندە پائالىيەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار تارىخىي شەخس يولۋاسنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلدى

0:00 / 0:00

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر پائالىيەت جەريانىدا تەيۋەننىڭ مەركىزى تەيبېي شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار مازارلىقىدا تەيۋەندە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سىياسىي شەخسلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان يولۋاسنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلدى.

تارىخىي شەخس يولۋاس ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم سىياسىي شەخسلەردىن بىرى بولۇپ ئۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدا نەشر قىلىنغان « شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى» دىكى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يولۋاسنىڭ ئەسلى ئىسمى مامۇت ھوشۇر بولۇپ، ئۇ، 1889-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 8 يېشىدا ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قىلىپ ئاچىسى جىنەستىخاننىڭ تەربىيىسىدە يېتىلگەن.

يولۋاسنىڭ ئاچىسى جىنەستىخان قۇمۇلدىكى ئىبراھىم بەگكە ياتلىق قىلىنىپ، يولۋاس قۇمۇلغا كەلگەندە دەسلەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېيىن، 1910-يىلى قۇمۇل ۋاڭى شاھمەھسۇتنىڭ خىتاي تىلى تەرجىمانلىقىغا ۋە ئوردا تىجارەت باش مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.

بەزى تارىخىي مەنبەلەردە بولسا يولۋاسنى قەشقەردىن قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ھارۋىكەشلىك قىلغان دەپمۇ تەرىپلەيدۇ. يولۋاسنىڭ ئاتىسى ھوشۇر مىراپنى بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللاردا قەشقەر يەرلىك ھۆكۈمەتتە مەنسەپ تۇتقان كىشى دەپ كۆرسەتكەن. يازغۇچى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ « ئويغانغان زېمىن» ناملىق تارىخىي رومانىدىمۇ تارىخىي سىياسىي شەخس يولۋاسنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي مەنبەلىرىدە، يولۋاسنىڭ 1937-يىلى نەنجىڭدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى جياڭ جېشى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا كېيىن ئۇنىڭ تەيۋەندە جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۆلكىسىگە رەئىس قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىلھام ماھمۇت يولۋاسنىڭ مەزكۇر مازارلىقتىكى ئائىلىۋىي قەبرىگاھى توغرىسىدا توختالدى.

يولۋاسنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان تەيۋەنلىك ئادۋوكات خې ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ:« يولۋاسنىڭ تارىخىي ھاياتىغا ئائىت تەيۋەندە بىر قىسىم ماتېرىياللار ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، سەۋەبى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا دائىر كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى ئاشكارىلىمىغانلىقى ئۈچۈن، تەيۋەندە يولۋاسنى كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. قىسمەن كىشىلەر ئۇنىڭ پەقەتلا شىنجاڭ ئۆلكىسىگە رەئىس بولغانلىقىدىن خەۋەردار» دېدى.

ئادۋوكات خې يەنە، يولۋاسنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا قىسقىچە ئەسلىمە يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام ماھمۇت ئۆزىنىڭ يولۋاسنىڭ قەبرىگاھىغا ئىككىنچى قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا 1980-يىللاردىن كېيىن نەشر قىلىنغان قازاق تىلىدىكى بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا قەيت قىلىنىشىچە، 1950-يىلى 5-ئايدا سابىق قۇمۇل ۋالىيسى گېنېرال يولۋاسبەگ بىلەن قازاق مىللىتىدىن بولغان ئوسمان باتۇرنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى خىتاي قىزىل ئارمىيەسى بىلەن قۇمۇلدا ئۇرۇش قىلىپ، باركۆل تاغلىرىغا چېكىنىپ مۇداپىئەگە ئۆتۈپ، كېيىن گەنسۇغا كېلىپ ئۇرۇش قىلغان. بىرلەشمە قوشۇن چىڭخەيگە كەلگەندە ئوسمان باتۇر ئۇرۇشتا خىتاي قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مۇھاسىرىسىگە دۇچار بولۇپ، ئەسىرگە چۈشكەن. گېنېرال يولۋاسبەگ بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن تىبەتكە ئۆتۈپ لاسا يولى ئارقىلىق ھىندىستاندىن پاناھلىق تىلىگەن ۋە كېيىن تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تەيۋەنگە كەتكەن

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.