يۇلتۇز ئوسمانوۋا «مەندەك سۆيەلەمسىز؟» ناخشا كېچىلىكى نيۇيوركتا

0:00 / 0:00

ئوتتۇرا ئاسىيا ناخشا خانىشى دەپ نام ئالغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ چوڭقۇر سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ئۆزبېكىستانلىق ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋا 19-ماي نيۇيورك شەھىرىدە «مەندەك سۆيەلەمسىز؟» ناملىق ناخشا كونسېرتىنى تەقدىم قىلدى.

يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرىدە مەزكۇر كونسېرتى نيۇيوركتا پەقەت بىرلا مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرى كونسېرت ئاخىرغىچە ئۈزۈلمىدى، ئۇنىڭ شوخ كۈيلىرى ھېلى تاماشىبىنلارنى ئىختىيارسىز ئورۇنلىرىدىن تۇرغۇزۇپ ئۇسۇل ئويناتسا، ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدىكى غەزەللىرى، ئامېرىكادا ۋەتىنىدىن يىراق ياشاۋاتقان ئۆزبېك تاماشىبىنلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. كېچىلىك ئاخىرىدا مۇخبىرىمىز يۇلتۇز ئوسمانوۋانى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

ئۆزبېك خەلقى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر، رۇسلار ۋە باشقىلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ، داڭلىق ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋانى ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر ناخشىسىنى سۆيۈپ ئاڭلايدۇ. ئۇيغۇر خەلقى يۇلتۇز ئوسمانوۋا سەنئەت ساھەسىدە تونۇلۇشقا باشلىغان 1990-يىللاردىلا ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلاشقا باشلىغان.

يۇلتۇز ئوسمانوۋا 19-ماي نيۇيورك شەھىرىنىڭ ئۆزبېكلەر بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان بروكلىين رايونىدىكى مىللېنىۇم تىياتىرىدا يالغۇز ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى. بۇ كونسېرتقا نيۇيورك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۆزبېك، رۇس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق تاماشىبىن قاتناشتى.

نيۇيوركتا تەخمىنەن 85 مىڭ ئەتراپىدا ئۆزبېكىستانلىقلار ياشاپ تۇرماقتا، ئۆزبېكلەرنىڭ كاتتا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ باھاردىكى بۇ قەدىمى، ئۇلارنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىدە چاڭقىغان دىللىرىغا شىپالىق زەم-زەم سۈيىدەك مېھىر بەخش ئەتتى.

زال ئىچىگە لىق تولغان تاماشىبىنلار ھېلى ئۇسۇل ئويناشسا، ھېلى كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئىككى سائەتلىك كېچىلىكنى ھاياجان ئىچىدە تاماشا قىلدى.

قەيەرگە بارسا شۇ جايدىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىشقا ئۇستا بولغان بۇ تەجرىبىلىك سەنئەتكار بولۇپمۇ ئاخىرىدا «ۋەتىنىم ئۆزبېكىستان» ناملىق ناخشىسىنى ئېيتقاندا، زور ھاياجانغا چۆمگەن تاماشىبىنلار ئۆزبېكىستان بايراقلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ، ناخشىنى بىرلىكتە ئەۋجىگە كۆتۈردى. ھېيت-بايرام كۈنلىرىدەك كىيىنىشكەن تاماشىبىنلار قۇچاق-قۇچاق گۈللەر بىلەن چولپىنىغا ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ، ھەممە بىرلىكتە گۈزەل خاتىرىلەر قالدۇردى. مېھرىنى ئۈزەلمىگەن ھەۋەسكارلار كونسېرت ئاخىرلاشقاندىمۇ زالدىن ئۇزاقلىشىشقا كۆزى قىيماي يۇلتۇزنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى.

كېچىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكادىكى خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرى قاتارىدا يۇلتۇز ئوسمانوۋانى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق، ئۇ، ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ گۈزەل ھەم مەنىلىك تىلەكلىرى بىلەن سالام يوللاپ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا رەھمەت، ئۇلارغا سالام. ئامان بولسۇن، مەيلى قەيەردە بولايلى، ۋەتەن ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە بىر ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

داڭلىق ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋا 1963-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان، تاشكەنت سىلكفاكتورىي مۇزىكا ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەن، 1983-يىلى ناخشا ساھەسىگە قەدەم قويغان،ئۇنىڭ دەسلەپكى يەتتە پلاستىنكىسى ئۆزبېكىستان ئۆزىدىلا يەتتە مىليون پارچىدىن ئارتۇق سېتىلغان، 23 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئۆزبېكلەرنىڭ، تەخمىنەن ئۈچ كىشى ئارىسىدا بىرەيلەن ئۇنىڭ ناخشا مەستانىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن باشقا، ياۋروپا ھەم شىمالىي ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزىكا بايراملىرى ۋە چوڭ-كىچىك سەھنىلەردە كۆپ قېتىم ئويۇن قويۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ بەزى ناخشا پلاستىنكىسى گېرمانىيەدە قايتىدىن كىرىشتۈرۈلۈپ، ياۋروپا ھەتتا دۇنياغا كەڭ بازارغا سېلىندى. يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ تۈرك تىلىدا چىقارغان «دۇنيا» ناملىق ناخشا پلاستىنكىسى، ئۇنىڭ تۈركىيەدە نام-شۆھرەتكە ئېرىشىشىگە ئاساس سالدى ھەمدە ئۇ «ئۆزبېكىستاندىكى سەزەن ئاكسۇ» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئامېرىكادىكى بىر ژۇرنال ئۇنىڭغا«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مادوننا» دېگەن نامنى بەرگەن ئىدى.