ئىستانبۇلدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 2016 - يىلى يۈسۈپ «خاس ھاجىپ يىلى» دەپ ئېلان قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مۇراسىمنى تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى،، قىرغىزىستان ساياھەت ۋە ئىنفورماتسىيە مىسنىتىرلىقى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت، خەلقئارالىق تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى، تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكى، قىرغىزىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىن 2016 - يىلىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئېچىلىش مۇراسىمى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ يىغىنغا تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى، قىرغىزىستان باش ئەلچىلىكى، دىپلوماتلار، تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار تەشكىلات رەھبەرلىرى، تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۈرك ۋەكىللەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇراسىم رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن قىسقىچە سۆز قىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىك نامىدىكى نادىر ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ئىكەنلىكىنى، 1016 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بالاساغۇن شەھىرىدە تۇغۇلغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە 1077 - يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغانلىقىنى ۋە قەبرىسىنىڭ قەشقەردە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ مۇراسىمدا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى ھۈسەيىن يايلا، قىرغىزىستان ساياھەت ۋە ئىنفورماتسىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن، خەلقئارالىق تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دۈسەن كاسىنوف، قىرغىزىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى قاتارلىقلار ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن 2016 - يىلى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولۇپ، مۇراسىمدا زەيتىنۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن، سۆز قىلىپ بىر قانچە يىل ئىلگىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىتابى قۇتادغۇ بىلىكنى ئوقۇغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن مۇھىم چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە زەيتىنبۇرنۇنىنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇھىم ئالىمنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىشىدىن ئۆزىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا يەنە، تۈرك دۇنياسى بەلەدىيەلەر بىرلىكى رەئىسى ئىبراھىم قارائوسمانئوغلى سۆز قىلىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى قۇتادغۇ بىلىكنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئىبراھىم قارائوسمانئوغلى مۇنداق دېدى: «قۇتادغۇبىلىك تۈرك تىلى ۋە تۈرك دۇنياسىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە ئاساسلىق ئەسەرلەردىن بىرىدۇر. بۇ ئەسەر تۈرك ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى سىياسەتنامە ھېسابلىنىدۇ. 6645 بېيىتتىن تەركىب تاپقان بۇ نادىر ئەسەر تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي شۇنداقلا تۈركلەرنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىمىزگە ئائىت ئەسەرلەرگە ئىگە چىقىش ۋە ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش بىزلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرىدۇر.»

يىغىندا سۆز قىلغان قىرغىزىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىبراھىم جۇنۇسۇف مۇنداق دېدى: «بۈۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 2016 - يىلىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى ئېلان قىلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم يىغىننىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ئىستانبۇلدا ئېچىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئوتتۇرا ئاسىيا 6 - ئەسىرىدىن 10 - ئەسىرگىچە تۈرك مىللەتلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىدى. شۇ دەۋر تۈرك مىللەتلەرنىڭ دەۋرى بولۇپ ئۆتتى. خانىيلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى تۈرك دۆلىتىدۇر. بۈۋىمىز يۈسۈپ پەقەت قىرغىزلارنىڭ بوۋىسى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇۋىسىدۇر.»

يىغىندا يەنە، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ھۈسەيىن يايمان سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنتايىن مۇھىم مۇتەپەككۇردۇر. ئۇنىڭ ئىسسىق كۆلدىن، تەڭرىتاغلىرىدىن ياققان مەشئىلى ئىستانبۇلغىچە يېتىپ كەلدى ۋە ئادرىياتىك ساھىللىرىغا شۇنداقلا بالقانلارغىچە يېتىپ باردى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياققان مەدەنىيەت مەشئىلى 1000 يىلدىن كېيىن بىزگە يېتىپ كەلگەنگە ئوخشاش 5000 مىڭ يىل كېيىنمۇ مەشئەل بولۇپ نۇر چېچىشنى داۋام قىلسۇن.»

بىز يىغىن ئاخىرىدا بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلاردىن مەمەت تۈرسۇن ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مەمەتتۇرسۇن ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، 2016 - يىلىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.