13-ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىدە قازاقىستاننىڭ ئەڭ يېتەكچى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىي خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە «يۈسۈپ بالاساغۇنى ئىجادىيىتىنىڭ تۈرك دۇنياسى مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى» تېمىسىدا خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىي خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەشكىلاتى بۇ يىلنى «يۈسۈپ بالاساغۇنى يىلى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
مەزكۇر يىغىنغا تۈركىي خەلقلىرى مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دۈيسېن قاسېيىنوف، تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرنىڭ ئالماتادىكى دىپلومات خادىملىرى، شۇنداقلا قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، باشقۇردىستان، تۈركىيە ۋە باشقىمۇ دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملار بولۇپ، 350تىن ئوشۇق ئادەم قاتناشقان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى روشەنگۈل ئاۋاكوۋا يۈسۈپ خاس ھاجىپقا بېغىشلانغان مۇنداق پائالىيەتنىڭ قازاقىستاندا دەسلەپكى قېتىم ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەممە مەسىلىلەر يۈسۈپ بالاساغۇنىنىڭ ئەمگىكىگە بېغىشلاندى. تىل، تارىخ، پەلسەپە، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات مەسىلىلىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇ پەقەت دىداكتىك ئالىملا ئەمەس، ئۇ ھەم ماتېماتىك، سىياسەتچى دېگەن مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.»
ر. ئاۋاكوۋا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئالغان قارارىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىجادىيىتىنى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، مەدەنىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى فىزىكا، ماتېماتىكا ئوخشاش باشقىمۇ ساھەلەردە ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئېيتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شۇنداقلا مەزكۇر يىغىندا «قۇتاتغۇ بىلىك» ئەسەرىنى پەقەت ئالىم بولۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىنسان بولۇش ئۈچۈنمۇ ئوقۇپ بىلىشنىڭ لازىملىقىنىڭ، ئۇنىڭ بۇ ئەمگىكىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە تۈرك تىللىرىغا يۇقىرى دەرىجىدە تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئامما باشقا تۈركىي تىللارغا مۇشۇ كۈنگىچە تېخى تەرجىمە قىلىنمىغانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ر. ئاۋاكوۋا بۇ يىغىندا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان تارىخىي شەخس ئىكەنلىكى ئەتراپىدىمۇ مۇنازىرە بولغانلىقىنى بىلدۈردى: «تۈركىيە ۋە باشقۇردىستاندىن كەلگەن ئالىملار ئەسەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ كونا يېزىقىدا يېزىلغان دېسە، قازاق ئالىمى، پروفېسسور بېكپاي ساغىندىق ئوغلى ‹بۇ خاتا پىكىر، مۇشۇ ۋاقىتقىچە مەن ستاتىستىكىلىق، سېلىشتۇرما ئانالىز ياساپ چىقتىم، بۇنىڭ ئىچىدىكى سۆزلەر قىپچاق-ئوغۇز تىللىرىغا ياتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ بىز ئۇ ئەمگەكنى قازاقلارنىڭ قىپچاق تىلىدا يېزىلغان يادىكارلىق، دەپ ھېسابلايمىز› دېگەن پىكىرنى قىلدى. بىراق ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى ئەسەرنىڭ كونا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ يادىكارلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ تۈركىي مىللەتلەرگە ئورتاق دېگەن پىكىرگە كەلدى.»
م. ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى ئالىمجان ھەمرايېف يۈسۈپ خاس ھاجىپقا بېغىشلانغان مۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ تۈركىي خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تەشكىلاتى يۆنىلىشىدە تۈركىيە ۋە قىرغىزىستاندىمۇ ئۆتكەنلىكىنى، بۇ يىغىننىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ بېشىنى قوشقان بولسىمۇ، ئامما ئۇلۇغ مۇتەپەككۈرنىڭ ئىجادىيىتىنى ئۆگىنىش، «قۇتاتغۇ بىلىك» ئەسەرىنى نەشر قىلىش بويىچە كۆپ ئىشلار قىلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر دىيارى ئالىملىرىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئا. ھەمرايېف مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ھەققىدە بەزى يېڭى پاكىتلارنىڭ تېپىلغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «يېڭىلىقلارنى بىرى، چىمكەنت (جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتى) ئەتراپىدا بالاساغۇن شەھىرىنىڭ تېپىلىشى. بۇرۇن قىرغىزىستاننىڭ توقماق شەھىرى ئەتراپىدىكى بالاساغۇن شەھىرى دېگەن كۆز قاراش مەلۇم دەرىجىدە مۇقىملاشقان ئىدى. ھازىر بۇ تۈركىي ئالىملىرى، بولۇپمۇ قازاق ئالىملىرى ئىچىدە تالاش-تارتىش تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. بۇنى يىغىن كۆرسەتتى. بىزمۇ قەشقەرنىڭ ئەتراپىدا بالاساغۇن دېگەن جايلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ مەسىلىنىڭ يېقىن ئارىدا ھەل بولۇشى تەسمىكىن. يەنە بىر مەسىلە ‹قۇتاتغۇ بىلىك›نىڭ تىلى مەسىلىسى.»
ئا. ھەمرايېف «قۇتاتغۇ بىلىك» ئەسەرىنى ئۆگىنىش دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭلىكى بىلەن باشقا يادىكارلىقلاردىن كەسكىن تۈردە پەرقلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ‹شاھ ئەسىرى› بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن تۈركىي خەلقلىرى ۋە باشقىمۇ خەلقلەر ئىچىدە بۇ ئەسەرنىڭ دېگەندەك تونۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، قازاقىستان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى شېرۇباي قۇرمانباي ئوغلى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ ئەلچىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، ۋەزىپىلىرى ھەققىدە دەسلەپكى قېتىم ئەسەر يازغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خاس ھاجىپ يۈسۈپ بالاساغۇنى تۈركىي خەلقلىرىنىڭ چوڭ تارىخىي شەخسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بولۇپمۇ تىل ھەققىدە ئېيتقان ئوي-پىكىرلىرى ھەتتا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. يۈسۈپ بالاساغۇنى ئادەمنى ئېگىزلىككە چىقىرىدىغانمۇ، تىلىغا ئىگە بولالماي، يامان يولغا بېرىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانمۇ شۇ تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ھەتتا مەملىكەتنى باشقۇرىدىغان ھاكىملارنىڭ، مەملىكەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئەلچىلەرنىڭ ئىشلىرىدىمۇ تىلنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. يۈسۈپ بالاساغۇنى خۇددى مەھمۇد قەشقەرى ئوخشاشلا چوڭ تارىخىي شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
ش. قۇرمانباي ئوغلى «قۇتاتغۇ بىلىك» ئەسىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتىمۇ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بۇ ئەمگەكنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ۋە چوڭقۇر ئۆگىنىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.