1000-يىلىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى
2016.05.05
مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1000-يىلىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا تارىخشۇناس پروفېسسور دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلى خانىم، پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى، دوكتور يۈسۈپ گېدىكلى قاتارلىقلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك توغرىسىدا سۆز قىلدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن تۈرك تارىخچى پروفېسسور گۈلچىنچاندارلىئوغلى خانىم سۆز قىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋر ۋە جۇغراپىيە توغرىسىدا توختالدى. پروفېسسور گۈلچىن چاندارلىئوغلى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغانلىقىمىزنى، ئۇنىڭ ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى، ئۇ يازغان ئابىدە ئەسەر قۇتادغۇبىلىكتىكى كېيىن ئىلاۋە قىلىنغان مەلۇماتلاردىن بىلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياخشى ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى، يازغان ئەسىرىدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن گۈلچىنچاندارلىئوغلى خانىم، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردىكى، تۈرك، ھىندى، فارس ۋە ئەرەب مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرى ۋە ئىلىم-مەرىپەت ۋە پەلسەپىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇلاردىن پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈلچىن چاندارلىئوغلى خانىم، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىكنى ئەينى دەۋردىكى سىياسىي پايتەخت قەشقەردە يېزىپ تاماملىغانلىقىنى ۋە ئۇلۇغ بۇغراخانغا تەقدىم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈلچىن چاندارلىئوغلى خانىم، ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسىگە ئالاقىدار ئۆزى تارتىپ كەلگەن سۈرەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسى ۋە قەشقەر توغرىسىدا توختالدى.
يىغىندا سۆز قىلغان پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئەپەندى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىكتىكى ئادالەت ئوقۇمى توغرىسىدا توختالدى.
سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى مۇنداق دېدى: «يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇ دەۋردىكى خەلقىگە ۋە دۆلىتىگە سادىق، مەسئۇلىيەتچان بىر مۇتەپەككۇر، ئۇ قۇتادغۇبىلىك دېگەن نادىر ئەسىرىدە، ئىچكى ماجىرا ۋە ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن ئېتىبارىنى يوقاتقان دۆلەت ئاپپاراتىنى يېڭى بىر تۈزۈم ۋە مۇقىملىققا يۈزلەندۈرۈشنى، ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى، ئىنساننىڭ خەلق ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەپ، خەلقنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ پەلسەپىسىنى بەرپا قىلىشنى ۋە كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان تۈرك دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى، دۆلەت ئەربابلىرى، لىدەرلىرىگە قىممەت قاراش، ئەخلاق ۋە سىياسىي نەزەرىيەنى خۇددى بىر ئاساسىي قانۇنغا ئوخشاش يېزىپ قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.»
پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، قۇتادغۇبىلىكتىكى ئادالەت ئوقۇمى توغرىسىدىكى بىر قانچە بېيىتنى تەقدىم قىلدى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ پۈتۈن بۇ بېيىتلاردا دۆلەتنى ئەقىللىق، بىلىملىك، ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىك ئىنسانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى، قۇتادغۇبىلىك دېگەن ئەسەرنىڭ ئورتاق ئۈچ نۇقتىنى ئاساسى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «بىرىنچىسى، دۆلەتنى ئىقتىسادى جەھەتتە ھەر خىل تەدبىرلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈش. ئىككىنچىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئوخشاش ھالدا دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئۈچىنچىسى، ئەقىلگە ئۇيغۇن، ئادالەتلىك قانۇنلارنى يولغا قويۇپ، بۇ قانۇنلارغا دۆلەت ئەربابلىرىدىن ئاددىي پوقرالارغىچە ھەر كىمنىڭ بوي سۇنۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش.»
يىغىندا يەنە تارىخشۇناس دوكتور يۈسۈپ گېدىكلى ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈرك تىلى ئىدارىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا بىر ئەسەر يېزىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇ ئەسەرنى 2007-يىلى يېزىپ تاماملىغانلىقىنى، ئەمما تۈرك تىلى ئىدارىسىدىكى كادىرلارنىڭ ئىختىلاپى نەتىجىسىدە بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تارىخشۇناس يۈسۈپ گېدىكلى ئەپەندى سۆزىدە ئالدى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەن ئىسىم ۋە قۇتادغۇبىلىك دېگەن ئەسەر توغرىسىدا قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، قۇتادغۇبىلىكنىڭ ھازىر مەۋجۇت بولغان ئەسلى نۇسخىلىرىنىڭ ھىرات، پەرغانە ۋە مىسىر نۇسخىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، چەتئەللىك ۋە تۈرك ئالىملار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، ئەسەرنىڭ تۈرى، ئۆلچىمى، تىلى ۋە ئۇسلۇبى، تۈرك مەدەنىيەت ۋە تارىخى، جوغراپىيسىى، تىل-ئەدەبىياتى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا توختالدى.
دوكتور يۈسۈپ گېدىكلى ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: «ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن كۆپ ساندا ئەسەرلەر ھەققىدە تەتقىقاتلارنى بىرىنچى بولۇپ چەتئەللىكلەر ئېلىپ باردى. قۇتادغۇبىلىكمۇ شۇنداق بولدى، قولىمىزدىكى ئەسلى نۇسخىسىنى ۋىياناغا تارتقۇزۇپ قويغانلىقىمىز بۇنىڭ بىر ئىسپاتى، قۇتادغۇبىلىك توغرىسىدا تۇنجى تەتقىقات 1825-يىلى چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيەدە بولسا تۇنجى تەتقىقات ماقالە 1915-يىلى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماقالىمۇ تەرجىمە نۇسخىسى ئىدى.»
يۈسۈپ گېدىكلى ئەپەندى قۇتادغۇبىلىك توغرىسىدا تۈركىيەدىكى ئەڭ مۇھىم تەتقىقاتنىڭ قازانلىق تۈركولوگ رىشىت رەھمەت ئارات تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
سۆز قىلغۇچىلار يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.