خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى تۈركسوي، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن 2016-يىلىنى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» يىلى دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان پائالىيەتلەر ۋە خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە، كىتاب ۋە ماقالىلەر نەشر قىلىنماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە قازاقىستاندىكى لېۋ گۇمىلېۋ ياۋرو-ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەزەربەيجان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تونۇلغان تۈركولوگ، پروفېسسور رامىز ئاسكەر ئەپەندى 10-ئاينىڭ 28 كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇ بىلىك» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ، دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.
رامىز ئاسكەر ئەپەندى بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاستانادا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم. قازاقىستان بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر دۆلەت. قازاقىستاننىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25-يىللىقى، ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ بايرىمىمىز، ئۇنىڭغىمۇ ئىشتىراك قىلدۇق. بۇ يىغىن جەريانىدا قازاقىستان لېۋ گۇمىلېۋ ياۋرو ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇتادغۇ بىلىك ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ دوكلات بەردىم».
ئۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى ۋە بۇ يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك ‹قۇتادغۇ بىلىك› ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىلى. بۇ، ھەرقايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە قۇتلۇقلانماقتا. قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئەزەربەيجاندا بۇ ھەقتە يىغىنلار ئېچىلماقچى. ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىمۇ پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇ يىغىنلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شەرقىي تۈركىستان شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنماقتا».
رامىز ئاسكەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئاستانادا بەرگەن دوكلاتىنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز لېۋ گۇمىلېۋ ياۋرو-ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىردۇق. بۇ يىغىنغا 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. بۇ يەردە مەن تەييارلىغان ‹قۇتادغۇ بىلىك بىبلىئوگرافىيىسى› ناملىق بىر كىتابنى تونۇتتۇم يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بەزى ئوقۇتقۇچىلارمۇ سۆز قىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مېنىڭ تەتقىقاتلىرىم توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ توختالدۇق، ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ ھەقتە مەندىن سوئال سورىدى، مەن جاۋاب بەردىم».
رامىز ئاسكەر ئەپەندى ئاستانادا بەرگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىكى ياۋرو-ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن دوكلاتىمدا يۇقىرىدىكىلەرنى ئاڭلاتقاندىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرلار كىم؟ ئۇلار بۈگۈن قەيەرلەردە ياشايدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى نېمە؟ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى قانداق؟ دېگەن تېمىلاردىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بەردىم».
ئەزەربەيجان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور رامىز ئاسكەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا بەرگەن دوكلاتىغا بولغان قىزىقىشلارنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈر تارىخىدىكى ئورنى ناھايىتى يۇقىرى. بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن مەخمۇت قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۈرك دۇنياسىدىكى 5 چوڭ ئەسەرنىڭ ئىككىسىنى يورۇققا چىقارغان. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەسىرى-ئورخۇن ئابىدىلىرى، تۆتىنچى مۇھىم ئەسىرى ‹دەدەقورقۇت› داستانى، بەشىنچى چوڭ ئەسىرى بولسا ‹ماناس› داستانىدۇر. تۈرك دۇنياسىنىڭ بەش چوڭ ئەسىرىنىڭ ئىككىسىنى ئۇيغۇرلار يازغان. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك مەدەنىيەتلىك، قانچىلىك قەدىمىي تارىخقا ئىگە بۈيۈك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز».
ئەزەربەيجان فولكلور تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، پروفېسسور دوكتور ئالى شامىل ئەپەندى ئەزەربەيجاندىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، رامىز ئاسكەر ئەپەندىنىڭمۇ 1990-يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇر تەتقىقاتى 20-ئەسىردىن بۇرۇنلا باشلانغان. بىزدە ئالى ئابباس مىرزا، ئەمىن نادى فىترەت، خالىت سەيىدى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. كېيىن بىر مەزگىل توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما 1960-يىللاردا ئورخۇن-يېنىسەي ئابىدىلىرى توغرىسىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بولغان قىزىقىش كۈچەيدى. مەن ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى توغرىسىدا كىتاب يازدىم. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىم ئەزەربەيجاندا ۋە تۈركىيەدە نەشر قىلىندى. رامىز ئاسكەر 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھازىر كۆپ ساندا ياش تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كىتاب ۋە ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇر تەتقىقاتى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە».