ئەزەربەيجاندا يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش خەلقئارا يىغىنى چاقىرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.11.07
firat-pultash-yusup-xas-hajip.jpg مەركىزى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى پروفېسسور دوكتور فىرات پۇلتاش ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى) سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 31-ئۆكتەبىر، ئەزەربەيجان.
RFA/Erkin Tarim

ئەزەربەيجان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى، تۈركىيە-قازاقىستان ئورتاق ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان ئەخمەت يەسېۋى ئۇنىۋېرسىتېتى، شەكى ۋالىلىقى ۋە ئەزەربەيجان مىللىي كۇتۇپخانىسى بىرلىكتە 2016-يىلى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى ئېلان قىلىنغان ئەزەربەيجاننىڭ شەكى شەھىرىدە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە «يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش يىغىنى» چاقىرىلغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ماكېدونىيە ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن بىلىم ئادەملىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان.

31-ئۆكتەبىر كۈنى باكۇدا، 11-ئاينىڭ 2-كۈنى شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، مەركىزى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى پروفېسسور دوكتور فىرات پۇلتاش ئەپەندى، ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرە پاشايېۋا خانىم، تۈرك مەدەنىيەت مىراسلىرى فوندى باشلىقى گۈناي ئەفەندىيېۋا خانىم، ئەخمەت يەسېۋى ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ھەيئىتى رەئىسى مۇسا يىلدىز ئەپەندى، ئەزەربەيجان يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى داڭلىق يازغۇچى ئانار رىزايېف ئەپەندىلەر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭ مىراسى ھەققىدە سۆز قىلغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش يىغىنى جەريانىدا ئەزەربەيجان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر ئەپەندىنىڭ كىتابى تونۇتۇلغان ۋە ئۇنىڭغا تۈركسوي تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالاساغۇنى مېدالى» بېرىلگەن.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىلىم ئادەملىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تۆھپە قوشقان ئالىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

11-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈرك دۇنياسىنىڭ 2016-يىلى مەدەنىيەت پايتەختى ئېلان قىلىنغان شەكى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا دوكلات بەرگەن ۋە «قۇتادغۇ بىلىگ بىبلىيوگرافىيەسى» ناملىق كىتابىنى تونۇتقان رامىز ئاسكەر ئەپەندى يىغىندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا 15 ئىلىم ئادەمىنىڭ مەخسۇس دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2-چېسلا ئەزەربەيجاننىڭ شەكى شەھىرىدە بىر يىغىن چاقىرىلدى. يىغىننىڭ ئىسمى ‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1000 ياشتا› ئىدى. يىغىن ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. 15 ئەتراپىدا دوكلات ئاڭلىدۇق. دوكلاتلارنىڭ ھەممىسى قاراخانىيلار دۆلىتى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسەرى قۇتادغۇ بىلىگ توغرىسىدا ئىدى. مەنمۇ دوكلات بەردىم. دوكلاتىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلقئارا تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى تۈركسوينىڭ باش كاتىپ مۇئاۋىنى فۇرات پۇلتاش ئەپەندى تۈركسوي تەسىس قىلغان ‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالاساغۇنى مېدالى› نى ماڭا تاقاپ قويدى.»

خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى باش كاتىپ مۇئاۋىنى پروفېسسور دوكتور فۇرات پۇلتاش ئەپەندى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۈدا 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، شەكى شەھىرىدە 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چاقىرىلغان «يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1000 ياشتا» ماۋزۇلۇق پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2016-يىلى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى دەپ ئېلان قىلىنغان ئەزەربەيجاننىڭ شەكى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شەكى شەھىرى ئىنتايىن ياخشى ساھىبخانىلىق قىلدى. بۇ يىل مۇناسىۋىتى بىلەن بىز تەسىس قىلغان ‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ مېدالى› بار ئىدى. ئەزەربەيجانلىق تۈركولوگ رامىز ئاسكەر ئەپەندى دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنىمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە يازغان ئىكەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا كۆپ ساندا كىتاب ۋە ماقالە يازغان بىر كىشى. يېقىندا ‹قۇتادغۇ بىلىگ بىبلىيوگرافيەسى› ناملىق بىر كىتاب يازغان ئىكەن. شۇڭا رامىز ئاسكەرگە شەكى شەھىرىدىكى يىغىندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ مېدالى بەردۇق. ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ بىلەن شەكى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1000 ياشتا ماۋزۇلۇق خاتىرىلەش يىغىنى ناھايىتى ياخشى ئۆتتى.»

ئۇ، 2016-يىلى، قۇتادغۇ بىلىگ ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى، ئۇلۇغ ئالىم، مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2016-يىلى تۈركسوي تەرىپىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى› دەپ ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن ئورتاق تارىخىي مىراس ھېسابلىنىدىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپقا بېغىشلاندى. 2016-يىلى ئىچىدە نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. قىرغىزىستاندىن كەلگەن كۆپ ساندا سىياسەتچى ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئېچىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئارقىدىن تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى تۈركسويغا ئەزا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، شىمالىي سېيپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن سىرت، ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان قۇتادغۇ بىلىگ ناملىق ئەسەر، قازاقىستان تۈرك ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تۈركىي تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغان جاي‏-بۈگۈنكى قىرغىزىستاننىڭ توقماق دېگەن جايىدا يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.»

خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى باش كاتىپ مۇئاۋىنى فىرات پۇلتاش ئەپەندى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قەشقەردىكى قەبرىسى بېشىدا خاتىرىلەشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بىزنىڭ يەنە بىر ئارزۇيىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسى بار قەشقەر شەھىرىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ زىيالىيلىرى بىلەن بىرلىكتە قەشقەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش ئىدى. ئەمما يىل بېشىدا تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، تېخىچە بىر جاۋاب كەلمىدى. لېكىن تېخى ۋاقتىمىز بار، بىر جاۋاب كەلسە، يىل ئاخىرىغىچە قەشقەردە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىمىزمۇ مۇمكىن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.