2016-يىلى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى» دەپ ئېلان قىلىندى
2015.12.07
ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2016-يىلى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى دەپ ئېلان قىلىنغان. قىرغىزىستان دۆلىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن 26-نويابىر كۈنىدىن 28-نويابىر كۈنىگىچە تۈركمەنىستاننىڭ مارى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 33-نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەتلىرى مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بۇ قارار قوبۇل قىلىنغان.
تۈركىيەدە چىقىۋاتقان «دۇنيا بۈلتەنى» گېزىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان قىرغىزىستان مەدەنىيەت، ئاخبارات ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئالتىنبەك ماقسۇتوۋنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، مەركىزى تۈركىيەگە جايلاشقان خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى باشلىقى دۇسەن كۈسەنوۋ ئەپەندى بۇنى مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرگە جاكارلىغان. بۇلاردىن باشقا ئەزەربەيجاننىڭ شەكى شەھىرىنى 2016-يىلىدىكى تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر پايتەختى دەپ ئېلان قىلغان.
بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تونۇلغان تۈركولوگ، پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ۋە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەملەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرى ‹قۇتادغۇ بىلىك› تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى بۈيۈك ئەدەبىي ئەسىرىدۇر. مەزكۇر ئەسەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى سىياسەتنامە بولۇشىدۇر. سىياسەتنامە دېگەن ۋاقتىمىزدا بۈگۈنكى نۇرغۇن ئىلىم ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن سىياسەتشۇناسلىق، دۆلەت باشقۇرۇش، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پسىخولوگىيە قاتارلىقلارغا ئوخشاش. يەنى، تۈركلەرنىڭ سىياسىي كۆز-قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابتا تۈركلەرنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن بۇ ھەقتە ‹قۇتادغۇ بىلىك› تە نۇرغۇن ماقال-تەمسىللەرمۇ بار. بۇ ئەسەردىكى دۆلەت باشقۇرۇش سەنئىتى كۆك تۈرك دۆلىتى مەزگىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. دۆلەت رەھبىرى بولۇشنىڭ شەرتلىرى، بىرىنچىسى ئادىل بولۇشى، ئىككىنچىسى قەھرىمان بولۇشى، ئۈچىنچى شەرتى بىلىملىك بولۇشىدىن ئىبارەت. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەسەرنى يازغاندىن كېيىن شەرقىي قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خاقانىغا بېرىدۇ. ئۇ زاماندا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ چېگراسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچار دېگەن جايىغىچە يېتىپ بارغان ئىدى.‹قۇتادغۇ بىلىك› ئۇ، مەزگىلدە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان 6645 مىسرالىق بىر ئەسەر ئىدى. بۇنى خاقانىيە ئەدەبىي تىلىنىڭ قانچىلىك باي بىر تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن.
پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايسى تۈركىي قوۋمدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەخمۇت قەشقىرى ھەممىسى ئومۇمىي جەھەتتىن پۈتۈن قوۋملارنى تۈرك دەپ ئاتايدۇ. ئۇ يىللاردا تۈركلەر 20 قوۋمدىن تەشكىل تاپقان دەپ يازىدۇ. ئەڭ غەربتىكى قىپچاق ۋە ئوغۇزلاردىن تارتىپ، قىرغىزلار، ئۇيغۇرلار ۋە قارلۇقلار ھەققىدە توختىلىدۇ. ئەمما، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ مەركىزىدىكى قوۋملار قارلۇقلار، چىگىللەر، ياغمالار ۋە توقسىلار ئىدى. ياغمالار چوڭ ئېھتىمال ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەبىلىسى ئىدى. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تېگى ياغما، قارلۇق ياكى چىگىل بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۆزى ئەسەرلىرىدە قايسى تۈركىي قوۋمدىن ئىكەنلىكىنى يېزىپ قالدۇرمىغان. ئىشلەتكەن تىلىنى تۈركچە دەپ ئاتىغان. ئۇ، مەزگىلدە تۈرك ئاتالغۇسى پۈتۈن تۈركىي قوۋملارنىڭ ئومۇمىي ئىسمى ئىدى. شۇنىڭغا ئېنىق بىر نەرسە دېيىش قېيىن.
تونۇلغان تۈركولوگ، پروفېسسور ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلىنى تەبرىكلەشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بىزنىڭ 1000 يىل بۇرۇنقى بىر مۇتەپەككۇرىمىزنى خاتىرىلىشىمىز، تۈركلەرنىڭ ئۆز تارىخىدىن پەخىرلىنىشى بىلەن بىرلىكتە تارىختىن ساۋاق ئېلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن. 2016-يىلى ئىچىدە تۈركىيەدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلگەن بولىدۇ.
قەدىمكى تۈرك تارىخى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئېتنىك كىملىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
«دۇنيا بۈلتەنى» تور گېزىتىدە 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مەركىزى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق «تۈركسوي»، يەنى «خەلقئارا تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى»غا ئەزا دۆلەت ۋە رايونلار بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىچىدىكى تۈركىي ئاپتونوم رايونلار بولۇپ، 2016-يىلى، يەنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى مەزكۇر دۆلەت ۋە رايونلاردا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىنىدىكەن.