داڭلىق مۇقامشۇناس ۋە كومپوزىتور زىكرى ئەلپەتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خاتىرىسىدە

0:00 / 0:00

بۇ يىل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى مەشھۇر سەنئەتكارى ۋە مۇزىكانتى زىكرى ئەلپەتتا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسىدۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئىچى-سىرتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇر جامائىتى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سېغىنىش بىلەن مەرھۇم زىكرى ئەلپەتتانى ياد ئەتمەكتە.

ئىلى خەلقىنىڭ سەنئەت بۇلىقىدىن سۇ ئىچىپ يېتىشكەن مۇقامشۇناس ۋە كومپوزىتور زىكرى ئەلپەتتانىڭ ھاياتى 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق سەھىپىلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكا تىلى ۋە سەنئەت قورالى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ 1930-يىللاردىكى داۋالغۇشلىرىنى، 1940-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب كەچۈرمىشلىرىنى شۇنداقلا 1950-يىللاردىن تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاچچىق تىنىقلىرىنى ئىپادە قىلىشقا تىرىشقان.

زىكرى ئەلپەتتا 1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىلى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەركىبىدە قۇرۇلغان سانايى نەپىسەنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشقا باشلىغان.

شۇ يىللاردا ئۇ، بىر قاتار خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى رەتلەپ، تەرتىپكە سالىدۇ ھەم شەخسەن ئۆزى بىر قىسىم مۇزىكىلارنى ئىجات قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ شۇ يىللاردا ئىلى تىياتىرىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەن «پەرھات-شىرىن»، «غېرىب-سەنەم»، «قانلىق داغ» قاتارلىق درامىلارغا مۇزىكا ئىشلەيدۇ ھەتتا بەزىدە شەخسەن ئۆزى سەھنىدە رول ئالىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ قىزى مەرھۇم دادىسىنىڭ ئەينى يىللاردىكى سەھنە ھاياتى ھەققىدە بەزى ئەسلىمىلەرنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى.

1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1940-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان جەريان ياش زىكرى ئەلپەتتا مۇزىكا ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ سەمەرىلىك يىللىرى بولغان ئىدى. بۇ يىللاردا ئۇ ئىلى خەلقى ئارىسىدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان سادىر پالۋان ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكا ۋە تېكىستلىرىنى قايتا رەتلەپ قېلىپلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە «قىزىل گۈل»، «تەشنامەن» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ داڭق چىقاردى. كېيىنچە «غۇنچەم» ئوپېراسىدىكى بىر يۈرۈش ناخشىلارغا مۇزىكا ئىشلىدى. «زۆھرە جانىم» قاتارلىق داڭلىق ناخشىلارنى ئىجات قىلدى. تۇرغۇن ئالماسنىڭ «تەنلىرىم ياپراق» دېگەن مەشھۇر شېئىرىغا مۇزىكا ئىشلەپ خەلققە تەقدىم قىلدى.

مۇقامشۇناس ۋە كومپوزىتور زىكرى ئەلپەتتانىڭ شۇ يىللاردىكى ئەڭ چوڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ 1939-يىلى «رۇخسارى» ناملىق مۇقامنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىشلەپ چىققانلىقىدۇر. بۇ ھەقتە مەرھۇم زىكرى ئەلپەتتانىڭ قىزى دادىسىنىڭ زامانداشلىرىدىن تۇرسۇن قاھارىنىڭ ئالماتادا يورۇق كۆرگەن «ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ سىمالىرى» ناملىق كىتابىدىكى بايانلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

مەرھۇم زىكرى ئەلپەتتانىڭ مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى ۋە ھايات مۇساپىسى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئارخېئولوگ ئابدۇقەييۇم خوجا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىدۇ. ئۇ: «كومپوزىتور زىكرى ئەلپەتتا ئىجات قىلغان ناخشا-مۇزىكىلار خەلق ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى ھەمدە خەلق ناخشىلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇنداق ئەھۋال ھەممىلا كومپوزىتورلارغا نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ. خەلق ئەڭ ياخشى باھالىغۇچىدۇر» دەيدۇ.

1944-يىلى 9-ئايدا ئاقسۇدا تۇرۇۋاتقان شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ زىكرى ئەلپەتتانىڭ «رۇخسارى» مۇقامىنى ئىشلەپ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمىدۇ. شائىر زىكرى ئەلپەتتانىڭ بۇ ئىجادىيىتىنى قۇتلۇقلاپ «چال سازەندەم» ناملىق مۇخەممەسنى يازىدۇ ۋە غۇلجىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

ۋەتەن، خەلق ئۈچۈندۇر دائىم بىزنىڭ ئىشىمىز،
ئازاد تۇرمۇش ئاشناسى بولدى ھەر بىر كىشىمىز،
ھۆر مەقسەتلەر يولىدا بىزنىڭ ئوي ۋە پىكرىمىز،
ھارماي ئىجات ئېتىشتۇر يېپ-يېڭىنى زىكرىمىز،
قوبۇل ئەيلەڭ شېئىرىمنى، سىز بىمالال، سازەندىم!

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.