«ئىستانبۇل سېپىللىرى» شېئىرلار توپلىمىغا زەينۇرە ئەيسانىڭ شېئىرى كىرگۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇل شەھىرى تارىختا ئۈچ چوڭ مەدەنىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغان، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرغان ئەڭ قەدىمىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق شائىرلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان، شائىرلارغا ئىلھام مەنبەسى بولغان ئىدى. ئۆتكەن ئاي ئىستانبۇلدا «ئىستانبۇل سېپىللىرى» ئۇيغۇرچە قىلىپ ئېيتقاندا «ئىستانبۇل سېپىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى.

بۇ كىتابقا دۇنيادىكى 100 شائىرنىڭ ئىستانبۇل توغرىسىدا يازغان شېئىرىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىممۇ بار ئىكەن. كىتابتا ئۇنىڭ ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەن ۋاقتىدا ئىستانبۇلنى چىرايلىق بىر توزغا ئوخشىتىپ يازغان شېئىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

مەزكۇر كىتابقا گرېك، فرانسۇز ۋە ئەرەب شائىرلىرىنىڭ ئىستانبۇل ھەققىدە يازغان شېئىرلىرىدىن باشقا، تۈركىيىنىڭ ئەڭ داڭلىق شائىرلىرىدىن مەمەت ئاكىف ئەرسوي، نازىم ھىكمەت، ئاشىق ۋەيسەل ۋە ئوسمان تاشقاي قاتارلىقلارنىڭ ئىستانبۇل توغرىسىدا يازغان شېئىرلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

«ئىستانبۇل سېپىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئىستانبۇل ۋالىسى ئاۋنى مۇتلۇنىڭ ماددى ياردىمى بىلەن بېسىپ تارقىتىلغان بولۇپ، 297 بەتلىك بۇ كىتابتىكى شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىنىپ ئىشلەنگەن ك د پىلاستىنكىسىمۇ كىتابقا قوشۇپ تارقىتىلماقتا. شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىم رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، تۈركلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق شائىرلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەنلىكىدىن ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىۋاتقان بۇ كىتابتا ئۆز تەرجىمىھالىنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.