ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ رەتلىنىش ۋە قېلىپلىشىش تارىخىنى ۋاراقلىغاندا، مۇقامچى تۇردىئاخۇندىن كېيىن نامى تىلغا ئېلىنىدىغان ئۇستاز سەنئەتكارلار ساناقلىقلا. مەرھۇم زىكرى ئەلپەتتا ئەنە ئاشۇ ساناقلىق سەنئەتكارلاردىن بىرى. ئۇنىڭ ئەل ئىچىگە تونۇلۇشى 1940 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۈز بەرگەن ئىلى ئىنقىلابى ۋە ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ.
25 - ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچىدە مەرھۇم سەنئەتكار زىكرى ئەلپەتتا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، ۋاپاتىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەتتە مەرھۇمنىڭ ئىجاد بىلەن ئۆتكەن ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
خەلق ئارىسىدا «ئىجادىي مۇقام» دەپ تەرىپلىنىدىغان «رۇخسارى» مۇقامىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، «غېرىب - سەنەم» قاتارلىق كلاسسىك ئوپېرالارنى كۆرگىنىمىزدە، «سادىر ناخشىسى»، «نودەركام»، «قىزىل گۈلۈم»، «ئاق بېلىق»، «تەنلىرىم ياپراق»، «زۆھرە جانىم» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن ھۇزۇر ئالغىنىمىزدا نامى خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەرھۇم مۇزىكا پېشۋاسى، مۇقامشۇناس ۋە كومپوزىتور زىكرى ئەلپەتتانىڭ سىماسى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.

كومپوزىتور زىكرى ئەلپەتتانى ئۆزىگە ئۇستاز ھېسابلايدىغان داڭلىق سەنئەتكارلاردىن مەرھۇم ھۈسەنجان جامى ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا ناھايىتى يوقىرى باھا بېرىدۇ.
25 - ئاپرىل ئۈرۈمچىدىكى مۇقام مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەرھۇم سەنئەتكار زىكرى ئەلپەتتانى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن پېشقەدەم سەنئەتكار ئابلىز شاكىر سۆز قىلىپ، زىكرى ئەلپەتتانىڭ ئىلى مۇقاملىرىنىڭ قېلىپلىشىشىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
زىكرى ئەلپەتتا قاتارلىق 16 نەپەر ئۇيغۇر كومپوزىتورلىرىنىڭ ۋەكىللىك مۇزىكا ئەسەرلىرىنى خەلقئارا نوتا بىلە نوتىلاشتۇرغان داڭلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، زىكرى ئەلپەتتانىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مۇزىكا تارىخىدىكى ئورنىغا ئىجابىي باھا بېرىدۇ.
1930 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1940 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان جەريان ياش زىكرى ئەلپەتتا مۇزىكا ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ سەمەرىلىك يىللىرى بولغان ئىدى. بۇ يىللاردا ئۇ ئىلى خەلقى ئارىسىدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان سادىر پالۋان ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكا ۋە تېكىستلىرىنى قايتا رەتلەپ قېلىپلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «قىزىل گۈلۈم»، «تەشنامەن»، «زۆھرە جانىم» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ داڭق چىقىرىدۇ. مۇقامشۇناس ۋە كومپوزىتور زىكرى ئەلپەتتانىڭ شۇ يىللاردىكى ئەڭ چوڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ «رۇخسارى» ناملىق مۇقامنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىشلەپ چىققانلىقىدۇر.

1944 - يىلى 9 - ئايدا ئاقسۇدا تۇرۇۋاتقان شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ زىكرى ئەلپەتتانىڭ «رۇخسارى» مۇقامىنى ئىشلەپ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمىدۇ. شائىر زىكرى ئەلپەتتانىڭ بۇ ئىجادىيىتىنى قۇتلۇقلاپ «چال سازەندەم» ناملىق مۇخەممەسنى يازىدۇ ۋە غۇلجىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
ياشلىق باھارىنى 1930 - يىللاردىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن، 1940 - يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب دولقۇنلىرىدا ئىجات قاينىمىدا ئۆتكۈزگەن، قىرانلىق دەۋرىنى 1950 - يىللاردىن تاكى 1970 - يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان سىياسىي بوران - چاپقۇنلاردا ئۇپراتقان سەنئەتكار زىكرى ئەلپەتتا 1986 - يىلى 1 - ئاپرېل كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
