يېقىندا ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى زىيا سەمەدىنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇدىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە كېڭەيتىلگەن تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئېگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى دىلمۇرات قۇزىيېف، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى مۇدىرى ساۋۇتجان سونۇروف، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى رەھبىرى تامارا مەمەتوۋا شۇنداقلا زىيا سەمەدىنىڭ ئائىلىسى، تىجارەتچىلەر، زىيالىيلار، ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان ھاشىروفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكەن مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن تەۋەللۇدنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلىي ھەيئەت قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى رەئىسى نۇرلان ئورازالىن، ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ ئەخمەتجان ھاشىروف بىر ئېغىزدىن سايلاندى. يىغىندا شۇنداقلا بۇ يىلى ئالماتا ۋىلايىتى ھاكىملىقىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن جاي - جايلاردا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى، يەنى زىيا سەمەدى ھەپتىلىكلىرىنى، ئەدەبىي ۋە سەنئەت كېچىلىكلىرىنى، كۆرگەزمىلەرنى ئۆتكۈزۈش پىلانغا كىرگۈزۈلدى.
بۇنىڭدىن تاشقىرى، مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىدە ئۇيغۇر تىياتىرىدا يازغۇچى ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرۈش، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تىللاردا چىقىدىغان يەرلىك گېزىت ۋە ژۇرناللاردا ماقالىلەر ئېلان قىلىش، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىدە پروگراممىلار ئۇيۇشتۇرۇش مەسىلىلىرىمۇ قارالدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، زىيا سەمەدى نامىدا مۇكاپات تەسىس قىلىش، ئۇنىڭ نامىنى بىرەر ئۇيغۇر مەكتىپىگە بېرىش ۋە ئەمگەكلىرىنى قايتا نەشر قىلىش ئوخشاش ئىشلارنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇش مەسىلىسى دىققەتتىن سىرت قالمىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچىنىڭ ئوغلى ژۇرنالىست رىزا سەمەدى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00