بۇ يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى، دۆلەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابى زىيا سەمەدىنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇدى نىشانلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھازىر قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، بىلىم، مەتبۇئات ۋە مەدەنىيەت دەرگاھلىرى بۇ چوڭ تەنتەنىگە قىزغىن تەييارلانماقتا.
زىيا سەمەدى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسى قانداق قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈردى؟ يازغۇچىنىڭ قانداق خىسلەتلىرى بار ئىدى؟ ئۇ قازاق ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە قانداق رول ئوينىدى؟
يازغۇچىنىڭ قىزى بېلىقىز سەمەدى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.