ئاخىرقى ھاياتىنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ قىزى بېلىقىز سەمەدى دادىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەر خىل تەقىبلەشلىرى ئاستىدا قاتتىق رىيازەتلەرنى چەككەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ شۇ خىل تەقىبلەشلەر ھەققىدە توختىلىپ «ئەمما تەكلىماكان چۆلىدىكى قاتتىق جىسمانىي ئەمگەكلەرمۇ سۈرگۈندىكى دادامنىڭ روھىنى سۇندۇرالمىغان ئىدى» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇم زىيا سەمەدى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋاقتىدىلا قازاق ئۇيغۇر - دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتە زور رول ئوينىغان.
مەلۇمكى، زىيا سەمەدى 1950 - ۋە1958 - يىللار ئارىلىقىدا ئۆلكىلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى لاۋازىملىرىنى ئاتقۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.
ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار ئىتتىپاقى رەئىسى، ئۇيغۇر رايونى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق رەھبەرلىك ئورۇنلاردا ئىشلىدى. 50 - يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا سىياسىي تەقىبلەشلەر باشلىنىپ، زىيا سەمەدى ۋە باشقا كۆپلىگەن ئىلغار زىيالىيلار، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قاتناشقۇچىلىرى قاتارىدا «ئوڭچى، يەرلىك مىللەتچى» دەپ ئەيىبلىنىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا پالانغان ئىدى.
زىيا سەمەدى 1961 - يىلى ئائىلىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشتى.
0:00 / 0:00