زىيا سەمەدى تەۋەللۇدىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە سازاۋەر بولدى

0:00 / 0:00

12-مايدا ئالماتادىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى بىناسىدا قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك كەچ بولۇپ ئۆتتى.

قازاقىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ھەمدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت، پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە ئۆتكەن مەزكۇر مۇراسىمغا ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىدىن، قىرغىزىستاندىن، ئۆزبېكىستاندىن، رۇسىيەدىن مېھمانلار قاتناشتى.

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى يۇقىرى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ رەئىسى نۇرلان ئورازالىن يىغىننى ئېچىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى توينى تېگى بىر، تومۇرى بىر بولۇپ كېلىۋاتقان تۈركىي دۇنياسىنىڭ ئۇلۇغ تويى دەپ باھالىشىمىز كېرەك. سەۋەبى زىيا سەمەدى پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى مۇشۇ يورۇق دۇنيانى كۆرگەن 86 يىللىق ئۆمرىنى بىر خەلقنىڭ تەقدىرىنى كۈيلەشكە، ئۇنىڭ خۇشاللىقىنى، قايغۇسىنى، ھەسرەت-مۇڭىنى، پۈتكۈل بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۆزىنىڭ يۈرىكى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈپ، ئوي-سېزىمى ئارقىلىق يەكۈنلەپ، ئالەمگە ئۇيغۇر دېگەن زور يۈرەكلىك، قەيسەر مىجەزلىك خەلقىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشقا بېغىشلىغان كىشى ئىدى».

نۇرلان ئورازالىن ئۆز نۇتقىدا شۇنداقلا تەكلىماكان چۆلىنىڭ زىيا سەمەدىنىڭ قەلبىنى ۋەيران قىلالمىغانلىقىنى، شەرق ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدا ئورۇنلاشقان شەرقىي تۈركىستاندىكى قىيىنچىلىقنىڭ بارلىقىنى بېشىدىن كەچۈرۈش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماڭلىيىغا يېزىلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، زىيا سەمەدىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئىپادىلەيدىغان تارىخىي رومانچىلىق ژانىرىغا، مىللىي دراماتورگىيە ساھەسىگە ۋە ئۇيغۇر ھەم قازاق خەلقلىرى دوستلۇقىنىڭ ئاساسىنى سېلىشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ن. ئورازالىن پۈتكۈل قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭ زىيا سەمەدىگە بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە يازغۇچىنىڭ ئوغلى، كۆرۈنەرلىك ژۇرنالىست رىزا سەمەدىگە قازاقنىڭ مىللىي تونىنى كىيدۈردى. ئۆز نۆۋىتىدە رىزا سەمەدىمۇ ن. ئورازالىنغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

زىيا سەمەدىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى بويىچە دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىروف زىيا سەمەدىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن جەڭگىۋار يولىنى، جاپالىق ھاياتىنى، كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا تۇتقان ئورنىنى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مەزكۇر تەۋەللۇدقا قاتناشقان قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئۇئەلىخان قالىجان ھەم قازاقىستان دۆلەت مۇكاپىتىنىڭ ساھىبى شارىيازدان ئېلېئۇكېنوفلار زىيا سەمەدىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان ھەسسىسىنى يۇقىرى باھالىدى.

ئۇ. قالىجان ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان ئىلمىي دەرگاھتا ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن زىيا سەمەدى يېتەكچىلىكىدىكى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ مەخسۇس ئۆگىنىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ تونۇلغان مەزكۇر ئالىملار باي مەزمۇنلۇق ھەم خىلمۇ-خىل شەكىللىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خام مۇناسىپ ئورنى بارلىقىنى، زىيا سەمەدى ئوخشاش ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرىنىڭمۇ كۆپلەپ سانىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە سۆزگە چىققان قازاقىستان دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، خەلق يازغۇچىسى قابدېش جۇمادىلوف قازاقىستاندىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر پۈتۈن مىللىي ئەدەبىيات ئىكەنلىكىنى، شۇ ئەدەبىياتنىڭ بېشىدا زىيا سەمەدى ئوخشاش بىر قاتار تالانتلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ تۇرغانلىقىنى، زىيا سەمەدىنىڭ مۇختەر ئەۋېزوف، سەبىت مۇقانوف، غەبىت مۇسرېپوف قاتارلىق قازاق خەلقىنىڭ مەشھۇر ئەدىبلىرى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇراسىمدا تونۇلغان قازاق يازغۇچىلىرىنىڭ زىيا سەمەدى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىدىن مىساللار كەلتۈرۈلدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە، مەسىلەن، قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى ئەبۇ سارسېنبايېفمۇ بار.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى قابدېش جۇمادىلوف مەزكۇر مۇراسىم ھەمدە زىيا سەمەدى مىراسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن مانا ئالماتادا چوڭ توي. ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئۇيغۇرنىڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ پەرزەنتى زىيا سەمەدىنىڭ تۇغۇلغىنىغا 100 يىللىقىنى ئاتاپ ئۆتۈۋاتىمىز. قازاقىستاندا بۇ يىلنى ئومۇمەن زىيا سەمەدى يىلى دېيىشكە بولىدۇ. بىز ئۇنى نېمىشقا ئۇلۇغ يازغۇچى، ئۇلۇغ پەرزەنت دەيمىز؟ بۇ بىرىنىڭ كۆڭلىدىن چىققان سۆز ئەمەس، بەلكى بۇ رېئال ئۆمۈردە بولۇۋاتقان ئىش. ئۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۇيغۇرنىڭ تۇنجى دراماتورگىيىسىنى، ئۇيغۇرنىڭ تۇنجى كىنو سېنارىيىسىنى، ئۇيغۇرنىڭ تۇنجى تارىخىي رومانىنى يازغان، كېيىنكى يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئەدىبلەرنىڭ بىرى. زىيا سەمەدى پەقەت يازغۇچىلا ئەمەس، ئۇ ھەم جەمئىيەت ئەربابى، شىنجاڭدا ئەمگىكى سىڭگەن، مەدەنىيەت مىنىستىرى بولغان، مەكتەپلەرنى، تىياتىرلارنى ئاچقان ئادەم. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا شىنجاڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا 50 ئادەمنى ئوقۇشقا چىقىرىشقا پائال ئارىلاشقان. مانا شۇلارنىڭ بىرى مەن. دېمەك ئۇنىڭ مېنىڭ تەقدىرىمگە بىۋاسىتە ئالاقىسى باردۇر، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەتىگەنىرەك چىقىشىمغا، ياۋروپا ئەدەبىياتى بىلەن ئىلگىرى تونۇشقىنىمغا، مۇشۇ يەردىكى قازاق ئەدەبىياتى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشىمگە سەۋەبچى بولغان زىيا سەمەدى، دەپ بىلىمەن. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا قەرزدارمەن».

ق. جۇمادىلوف ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، بەدىئىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، مەسىلەن، ھېزمەت ئابدۇللىننىڭ «ياركەنت ناۋاسى»، جامالىدىن بوساقوفنىڭ «قاينام»، تۇرغان توختەموفنىڭ «نازۇگۇم» ئەسەرلىرىنى قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى قازاقلار ئىچىدە تەرغىب قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.