ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇلىدىغان بارلىق مەكتەپلەردە قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمىدىنىڭ تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق ئەبىلخان قاستېيېف نامىدىكى ئالتەئۆي ئوتتۇرا مەكتىپىدىمۇ ئەنە شۇنداق پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇش قازاق ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇنى ھازىر راھىلەم قوجاخمېتوۋا باشقۇرماقتا.
بىز ئۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەمدە مەكتەپ بىناسىدىكى زىيا سەمەدى مۇزېيى ھەم ئۇنىڭ تەقدىرى، شۇنداقلا يازغۇچى تەۋەللۇدىغا بېغىشلاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇخبىر: مەكتەپتە كىم بولۇپ ئىشلەپ كەلدىڭىز ھەم مۇدىرلىققا قاچان بەلگىلەندىڭىز؟
راھىلەم : مۇشۇ يىلغىچە مەن مەكتەپتە مۇئەللىم، مۇدىرنىڭ تەربىيە ئىشلىرى بويىچە ئورۇنباسارى بولۇپ ئىشلەپ كەلدىم. 2001-يىلدىن تارتىپ مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدىم.
مۇخبىر: مەكتەپتىكى مۇئەللىملەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى نەچچە، شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرلار قانچىلىك؟
راھىلەم: بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپتىكى مۇئەللىملەرنى سانى 82، شۇنىڭ ئىچىدە 22 مۇئەللىم ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدۇ. 665 بالىنىڭ 202 سى ئۇيغۇر سىنىپ بالىلىرى. مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىي تەجرىبىسى ياخشى، سەۋەبى، 82 مۇئەللىمنىڭ 66سى ئالىي بىلىملىك، پەقەت ئالتىسى تېخنىكوم پۈتتۈرگەنلەر.
مۇخبىر: ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇش مەسىلىسى قانداق ئەھۋالدا؟
راھىلەم: بىزدە بارلىق بالىلار ئانا تىلىدا ئوقۇيدۇ، دەپ ئېيتالايمەن، پەقەت بىر-ئىككىسى بەزىدە قازاق سىنىپىدا ئوقۇشى مۇمكىن. ئومۇمەن ئۇيغۇر تىلىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز سىنىپلىرىدا ئوقۇيدۇ. بۇ يەردە بالىلارنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشى ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇشىدىن دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن، 2009-يىلى مەكتەپنى 19، 2010-يىلى 21، 2011-يىلى 15، 2012-يىلى 12، 2013-يىلى 20 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى پۈتتۈردى. بۇ يىل 14 بالا پۈتتۈردى. بىراق يېزىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇيدۇ.
مۇخبىر: ئۆز ۋاقتىدا بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇرنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى زىيا سەمىدىنىڭ مۇزېيى ئېچىلغان ئىدى. شۇنىڭ تارىخىغا توختىلىپ كەتسىڭىز.
راھىلەم: ئەسلى زىيا سەمىدىنىڭ 80گە، ئەبىلخان قاستېيېفنىڭ 90 غا توشقان 1994-يىلى يېزىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باشلىقى سارپېكوف نەبىنىڭ باشچىلىقى بىلەن مەدەنىيەت ئۆيىدە ئىككىيلەنگە بېغىشلانغان مۇزېي ئېچىلغان ئىدى. مۇزېينى بىزنىڭ رەسساملار جېكېنوف مۇرات ۋە لېبازىيېف قۇئات ئىككىسى ياسىغان. ئاندىن كولخوز تارقاپ، ئىقتىساد ناچار بولغان چاغلاردا بىز مۇزېينى مەكتەپكە كۆچۈرۈپ كەلدۇق. 2001-يىلى مەكتەپ يېنىدىن مۇزېيغا ئاجرىتىلغان بىنانى بۆلۈپ، داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەشكە باشلىدۇق. ئە. قاستېيېفقا 100 يىل بولاي، ز. سەمەدى 90 ياشقا تولاي دېگەن ۋاقىتلاردا بىز مۇزېي ئىچىنى بۈگۈنكى كۈن تەلىپىگە لايىق قايتىدىن رېمونت قىلدۇق. شۇ يىلدىن بېرى ئون يىلدەك ۋاقىت ئۆتتى، بۇ يىلى زىيا سەمىدىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇزېينىڭ ئىچىنى قايتىدىن ياساپ چىقتۇق. مۇزېينىڭ ئىچىنى ياسىغاندا ئۆز يۇرتداشلىرىمىزدىن ياردەم سورىدۇق. پۈتۈن يۇرت ياردەم بېرىپ، مۇزېي ئىچىنى قايتىدىن ياساپ چىقتۇق. مۇزېينىڭ پۈتۈشىگىلا بىز ناھىيىدىكى ئاتىلىپ ئۆتكەن چوڭ تەۋەللۇدقا ئۆز ئۈلۈشۈمىزنى قوشتۇق دەپ ئويلايمەن، سەۋەبى بىز شۇ مۇزېينىڭ بىرئاز نەرسىلىرىنى، ياركەنتتىكى يىغىنغا ئېلىپ باردۇق. شۇ يەردە بىر ئاز بۆلۈم بىلەن تونۇشتى، قالغىنى بىلەن قوشۇپ مەكتىپىمىزدە ز. سەمىدىنىڭ 100 يىللىقىنى چامىمىز يەتكۈچە ناھىيە دائىرىسىدە كۆرسىتەللىدۇق، دەپ ئويلايمەن، چۈنكى ئۇ كۈنى كەلگەن مېھمانلىرىمىز ھەممىسى رازى بولدى.
مۇخبىر: سىز ياخشى بىلىسىز، زىيا سەمىدىنىڭ بۇ تەۋەللۇدى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. مۇنداق پائالىيەتلەر سىز باشقۇرۇۋاتقان مەكتەپتە بولدىمۇ؟
راھىلەم: بىز بىر ئەمەس، ئىككى ئۇلۇغ ئادەمنىڭ يۇرتداشلىرى بولغانلىقتىن يىلنىڭ بېشىدىلا ئەبىلخان قاستېيېفنىڭ 110، زىيا سەمەدى تەۋەللۇدىنىڭ 100 يىلغا تولۇشىغا باغلىق پىلانلىق ئىشلىرىمىزنى باشلىۋەتتۇق. ئوقۇش يىلىنىڭ داۋامىدا ھەممە ئۇيغۇر سىنىپلىرىدا زىيا سەمىدىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ھاياتىغا باغلىق تەربىيە سائەتلىرى ئۆتۈلدى. ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن بىرىكىپ، بىزنىڭ ناھىيىلىك بىلىم بېرىش بۆلۈمى مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇردى. شۇ مۇسابىقىگە بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ قاتناشتى. ھېكايە يېزىشتىن، دراما بويىچە ۋە بەدىئىي سۆز ئوقۇش، يەنى يادقا ئەسەر ئېيتىش بويىچە بولدى. شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھېكايە بويىچە پەخرىي يارلىق، شېئىرنى يادقا ئېيتىش بويىچە ئۈچىنچى ئورۇن، دراما بويىچە باش مۇكاپاتقا ئېرىشتۇق. مەكتەپنىڭ ئۆزىدىمۇ ھەممە سىنىپلاردا، تۆۋەنكى سىنىپتىن، يەنى تەييارلىق سىنىپلىرىدىن باشلاپ ھەممىسىدە ز. سەمەدىگە بېغىشلانغان تەربىيە سائەتلىرى ئۆتۈلدى. بىز شۇنداقلا ساياھەتمۇ ئۇيۇشتۇردۇق. ز. سەمەدىنىڭ تۇغۇلغان يېرى خونىخاي يېزىسى ۋە ئەبىلخان قاستېيېفنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى چېجېن يېزىسىنىڭ ئىككىلىسىگە بېرىپ، بالىلار بۈگۈنكى كۈندە خونىخايدا ياشاۋاتقان يۇرتداشلىرىمىزنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، سۆھبەتلىشىپ، شۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۈرەتكە تارتىپ كەلدى. مۇشۇ ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىشلارنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ناھىيە بويىچە ئىلمىي يىغىن ئۆتكۈزدۇق.
مۇخبىر: ئۇنىڭغا كىملەر قاتناشتى؟
راھىلەم: ز. سەمىدىنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسى كەلدى. مۇشۇ ناھىيىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدىن، ناھىيىلىك بىلىم بۆلۈمىدىن ۋە ژۇرنالىستلاردىن، ئۇيغۇر سىنىپلىرى بار مەكتەپلەردىن، يۇرت-جامائەتچىلىكتىن كېلىپ كۆردى ۋە ھەممىسى رازى بولدى، دەپ ئويلايمەن. شۇ كۈنكى بىزنىڭ ئىلمىي يىغىنىمىزدا زىيا سەمەدىنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتىدىن ھەممە نەرسىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتۇق. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر سىنىپلىرىنىڭ، مۇئەللىملەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. بىز قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە مۇزېيدىكى ھەممە نەرسىلەرنى يېڭىلاپ ئۈلگەردۇق.
مۇخبىر: مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا زىيا سەمەدى بويىچە نېمىلەر كۆرسىتىلدى؟
راھىلەم: ئوقۇغۇچىلار يازغۇچى ئىجادىيىتىدىكى تارىخ بىلەن باغلىنىشنى كۆرسىتەلىدى. تارىخ پېنىنىڭ مۇئەللىمى ئامېتوۋا ئادالەتنىڭ بەش ئوقۇغۇچىسى دوكلات ئوقۇدى. بۇ يەردە «سۆز سەنئىتىنىڭ زەرگارى» دېگەن تەربىيە سائىتىنى كۆرسەتتۇق. زىيا سەمىدىنىڭ «غېنى باتۇر» ئەسىرى بويىچە ئوچۇق دەرس كۆرسىتىلدى. «يۇرتۇمنىڭ تارىخىنى ۋاراقلىسام» دېگەن تېمىدا ئۇچرىشىش ئۆتتى. بۇ ئۇچرىشىشقا خونىخايدا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ ناھىيىدە تۇرۇۋاتقان يازغۇچىنىڭ يۇرتداشلىرىنى چاقىردۇق. «غېرىپ-سەنەم» ۋە «لاشمان» درامىلىرىدىن ئۈزۈندىلەرنى كۆرسەتتۇق. ئاخىرىدا بىز مېھمانلارنى مۇزېي يېڭىلىقلىرى بىلەن تونۇشتۇردۇق.