ئالماتادا ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان كىتاب چىقتى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئالماتادىكى «مىر نەشرىيات ئۆيى» تەرىپىدىن قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابى زىيا سەمەدىنىڭ يارقىن خاتىرىسىگە بېغىشلانغان «مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ تىرىك گۇۋاھچىسى» ناملىق كىتاب يورۇققا چىقتى.

كىتابتا يازغۇچىنىڭ كۈندىلىك دەپتىرىگە يېزىلغان ھەم بۈگۈنگىچە مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە تېخى يورۇتۇلمىغان قىزىقارلىق خاتىرىلىرى، يازغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە ئۇنىڭ زامانداشلىرىنىڭ ھەر خىل يىللاردا يازغان ماقالىلىرى، ئەدىب بىلەن يۈرگۈزگەن سۆھبەتلىرى، شېئىرىي ئەسەرلەر ھەمدە ئەدىب پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتىسى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى ئورۇن ئالغان.

كىتاب ماتېرىياللىرىنى يازغۇچىنىڭ قىزى بېلىقىز سەمەدى توپلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەجمى 370 بەتنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ كىرىشمە سۆزىدىن، ز. سەمەدىنىڭ بىر قاتار ماقالىلىرىدىن، خاتىرىلىرىدىن، ئۇيغۇر، قازاق، رۇس ئەدىبلىرىنىڭ يازغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى، دۆلەت ۋە جەمئىيەتلىك پائالىيىتى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى ۋە ئەسلىمىلىرى شۇنداقلا يازغۇچى ھەققىدىكى شېئىرلار قىسمىدىن ئىبارەتتۇر.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىتاب ئاپتورى بېلىقىز سەمەدى كىتابنىڭ يېزىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «دادام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان خەتلەر كېلىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئارخىپىنى ئاچقىنىمدا قولۇمغا بىر نەچچە دەپتەرلىرى، خاتىرە دەپتىرى چۈشۈپ قالدى. شۇلاردا يېزىلغان ۋەقەلەرنى ئوقۇپ چىقتىم. شۇلارنى يىغىپ، كىتاب قىلىپ چىقىرىش مەقسىتىگە كەلدىم. بۇ كىتاب بالدۇرراق چىقىشى كېرەك ئىدى.»

ب. سەمەدى دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئون بەش يىل داۋامىدا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا نەشر قىلىش، نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش، خاتىرە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى. «ئون بەش يىل ئىچىدە دادامنىڭ ئەسەرلىرىنى چىقىرىشقا تىرىشتۇق. مەسىلەن، ئاخىرىغىچە يېزىپ تۈگىتەلمىگەن ‹ئىستەك ۋە قىسمەت› رومانى. شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ‹دەردمەننىڭ زارى›، ‹بىر تال پاپىروس›، ‹مايىمخان› رومانلىرى. ‹دەردمەننىڭ زارى› ۋە ‹بىر تال پاپىروس› ئەسەرلىرى ئىنگلىز تىلىدا چىقتى. ئۇلار گېرمانىيەدە ئۆتكەن كۆرگەزمىگە قويۇلدى. دادام نامىدا كوچىلار ئاتالدى، ئۇنىڭ تۇرغان ئۆيىگە خاتىرە تاختىسى ئېسىلدى. بۈگۈن بولسا مانا بۇ كىتاب يورۇققا چىقتى. ئارمىنىمغا يەتتىم، ناھايىتى خۇرسەنمەن.»

«مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ تىرىك گۇۋاھچىسى» ناملىق بۇ كىتابتا ز. سەمەدىنىڭ «نەنجىڭگە سەپەر»، «مۇھاجىر»، «دەۋر تىنىقى» ناملىق ماقالىلىرىدىن پارچىلار، «ساختىلاشتۇرۇلغان ئاپتونومىيە»، «ئاتمىش يىل مۇقەددەم» ئەسەرلىرى، شۇنداقلا ئاتاقلىق قازاق ئەدىبلىرى بىگېلدى غابدۇللىننىڭ «دائىم زامانىۋى»، ئەبۇ سەرسېنبايېفنىڭ «ساڭا ھەۋىسىم كېلىدۇ»، شارىيازدان ئېلېئۇكېنوفنىڭ «ماھىر ئىجادكار»، ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ «بەدىئىي تىل ماھىرى»، كۆرنەكلىك يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقارنىڭ «ھەممىمىزنىڭ ئىپتىخارى ۋە غۇرۇرى ئىدى»، يازغۇچى ئۆزىنىڭ ۋە قىزى بىلىقىزنىڭ خاتىرىلىرى ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ماقالىلەر ئورۇن ئالغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتاقلىق شائىر ئابلىز ھېزىم مەزكۇر كىتابقا ئۆز باھاسىنى مۇنداق دەپ بەردى: «كىتاب ئومۇمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان. كىتابقا ماتېرىياللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى يېڭىلىق بولغان. بۇنىڭ مۇۋاپپەقىيىتى زىيا ئاكىنىڭ خاتىرىلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شۇنىڭغا قارىتا بېلىقىز ئىنكاسىنى بىلدۈرگەن، بەزى يەرلەردە ئۇنى چۈشەندۈرگەن، بەزى يەرلەردە شۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۆزىدە تۇغۇلغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىنچىلىكىنى تاپقان.»

ئا. ھېزىم كىتاب ئاپتورىنىڭ مەزكۇر ئەمگەكنى تەييارلاشتا جۈرئەتلىك بولغانلىقىنى، يەنى ز. سەمەدىنىڭ مەيلى چوڭ بولسۇن، مەيلى كىچىك بولسۇن قەلەمداشلىرىنىڭ بارلىقىغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىشنى بىلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «زىيا ئاكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بەزىلەر مەنپەئەتىگە تەگسە، ئۇنىڭدىن بىر مەنپەئەت كۈتكەندە قانداق گەپ-سۆزلەردە بولغان، قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىدىن تارتىپ يېزىپ بەرگەن. يەنە بىر ئالاھىدىلىك، بىلىقىزنىڭ قەلىمى قەدىمقىدەك پىشقان. بېلىقىز ئۆزىنىڭ يولىنى تاپقان قەلەم ئىگىسىدەك بىلىندى ماڭا. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماستىن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يېزىشنى داۋاملاشتۇرسا دەيمەن.»

كىتابتا ز. سەمەدىنىڭ بولۇپمۇ 1975-يىلى ياۋروپا ئەللىرىگە، 1977-يىلى ھىندىستانغا قىلغان سەپەر تەسىراتلىرى، 1984-ۋە 1991-يىللار ئارىلىقىدىكى كۈندىلىك خاتىرىلىرى ھەم بۇ جەھەتتە دالاي لاما، ئەيسا ئالىپتېكىن، ئەركىن ئالىپتېكىن، شېرىپىدىن ئۆمەر، ھۈسەنجان جامى، رىزا بېكىن، رەھمىتۇللاھ تۈركىستانى ئوخشاش ئاتاقلىق شەخسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، 1997-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلل كلىنتونغا يازغان خېتى ۋە باشقىلار يورۇتۇلغان.