قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرىدىن بىرى زىيا سەمەدىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىل قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان يېزا - مەھەللىلەرنىڭ يۇرت - جامائەتچىلىكى، ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان مەكتەپلەر، سەنئەت ئوچاقلىرى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە.
مەسىلەن، ئالماتا شەھىرىنىڭ شاۋكەت ئۆمەروف يېتەكچىلىكىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153 - مەكتەپ گىمنازىيىسى، ئاسىيەم يۈسۈپوۋا مۇدىرلىق قىلىۋاتقان 89 - مەكتەپ كوللېكتىپلىرى ۋە باشقىلار يازغۇچى ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان ئەدەبىي كېچىلەرنى ئۇيۇشتۇردى.
23 - ئاپرىل كۈنى ياركەنت تەۋەسىدە زىيا سەمەدىگە بېغىشلانغان چوڭ تەنتەنىلىك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. پانفىلوف ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ھەمدە ۋىلايەتلىك، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەر، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى، قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى، «ئىرادە مىللىي سەنئەت ئۆمىكى» ۋە باشقىلارنىڭ قوللىشىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر بايرامغا يۈزلىگەن كىشى قاتناشتى. ئۇيۇشتۇرغۇچىلار يىراق جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى ياركەنتتىكى داڭلىق ئۆسەك بويىدا داغدۇغىلىق كۇتۇۋالدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىجارەتچىلەر، سانائەتچىلەر ۋە يېزا ئېگىلىكى خادىملىرى جەمىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى دىلمۇرات قوزىيېف بۇ ھەقتە مۇندا دېدى:
«كۆزگە كۆرۈنگەن جەمىيەت ۋە دۆلەت ئەربابى، قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى، بىزنىڭ داڭلىق دراماتورگىمىز زىيا سەمەدى پۈتكۈل ئۆمرىنى ئۆز مىللىتىگە، ئۆز خەلقىگە سەرپ قىلغان ئادەملەرنىڭ بىرى. زىيا ئاكىنىڭ يازغان ھەممە كىتابلىرى شۇنچىلىك ئاددىي تىلدا يېزىلغان ھەم ھەر بىر ئىنساننى ئۆز ۋەتىنىنى، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يېرىنى سۆيۈشكە، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشكە، ۋەتەنپەرۋەرلىككە چاقىرىدۇ. زىيا ئاكا بىلەن ئارىلاشقان، مۇڭداشقان ئادەملەرنىڭ بىرى مەن. ئوتتۇز، قىرىق يىل بۇرۇن زىيا ئاكا دېگەن سۆزلەرنى ئەمدى باشقىچە چۈشىنىۋاتىمىز، ئەنە شۇ دېگەن سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى مانا بۈگۈن بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا، زىيا ئاكىنىڭ كېلەچەكنى قانچىلىك كۆرەلەيدىغانلىقىنى مانا مۇشۇ يەردىن بىلىشكە بولىدۇ. بۇ زىيا ئاكىنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كېلەچەكنى كۆرەلىگەنلىكى - بۇ زىيا ئاكىنىڭ تەجرىبىسى، ئەنە شۇ ئېغىرچىلىقلار ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن. زىيا ئاكا كۆپ ئېغىرچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزسىمۇ ئۈزىنى يوقاتمىغان، ساتقۇنلۇق قىلمىغان ئادەم. شۇڭلاشقا ئۇ خەلقنىڭ دىلىدا، يۈرىكىدە قالدى. مانا شۇنچە ئادەم بۈگۈن ئالماتادىكى ئىشلىرىنى تاشلاپ كېلىپ، ھەممىمىز خۇشال - خورام مۇشۇ ياركەنت شەھىرىدە تويىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇ قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان كۆز قارىشى دەپ ھېسابلايمەن. ئەگەر ھۆكۈمەت بۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىمىگەن بولسا مۇنداق چوڭ دەرىىىدە قىلالمايتتۇق. نازاربايېفنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھۆكۈمەت كوچا، مەكتەپ ۋە باشقىمۇ يەرلەردە زىيا ئاكىنىڭ ئېتىنى بېرىۋاتىدۇ. بۇ قازاقىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ بىرلىكىنىڭ، دوستلۇقىنىڭ ئۆسۈشىگىمۇ ئۆزىنىڭ چوڭ ئۈلۈشىنى قوشىدۇ. مېنىڭچە بولسا، ئۆز خەلقىگە، ئۆز ۋەتىنىگە ئىشلىگەن ھەر بىر ئادەم خەلق يۈرىكىدە مەڭگۈ قالىدۇ. يىللار ئۆتكەنسېرى زىيا ئاكىنىڭ قىلغان ئىشلىرى تېخىمۇ يۇقىرى باھالىنىپ، خەلق ئېغىزىدىن ھېچقاچان چۈشمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
يازغۇچى تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان مۇراسىمنىڭ دەسلەپكى قىسمى ياركەنت شەھىرىدىكى زىيا سەمەدى كوچىسىدا باشلاندى. ئۇيغۇر ۋە قازاق ناخشا - سازلىرىنىڭ ساداسىدا داۋاملاشقان مەزكۇر كوچا بايرىمىدا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، يازغۇچىلار، مەتبۇئات، مەكتەپ، يۇرت - جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەبرىكلىرىنى ئىزھار قىلدى.
كوچا بايرىمىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك يىغىندا سۆزگە چىققان پانفىلوف ناھىيىلىك ھاكىمىنىڭ ئورۇنباسارى روزا ماخمۇتوۋا مۇنداق دېدى: «زىيا سەمەدى مۇشۇ تەۋەدە تۇغۇلۇپ، ئۆسكەن، مۇشۇ يەرنىڭ پۇقراسى ئىدى، ئاندىن كېيىن بولسا شەرقىي تۈركىستاندا ئەرباب ئاتالدى. قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىن كۆپلىگەن پروزىلىق ۋە درامىلىق ئەسەرلەرنى يازدى، ئەمگىكى يۇقىرى باھالىنىپ، " ئەمگەك قىزىل تۇغى" ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلاندى، ساھىب ئاتالدى، قازاقىستاننىڭ خەلق يازغۇچىسى ئاتىقىغا ئېگە بولدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كلاسسىكى زىيا سەمەدى بىزنىڭ چوڭ پەخرىمىز. بۈگۈن مانا كوچا بايرىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇ كوچا مۇشۇ ھۆرمەتلىك ئادەمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇمۇ شۇ كىشىگە بولغان چوڭ ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ.
ھۆرمەتلىك، قېرىنداشلار! يۇرتدىشىمىز زىيا سەمەدىنىڭ ئەسىرلىك تويى مۇبارەك بولسۇن! ئېلىمىزدا ئىجتىمائىي كېلىشىم بىلەن سىياسىي تۇراقلىق قەد كۆتىرىپ، مۇستەقىللىقىمىز مەڭگۈ ياشىسۇن! توي - تويغا ئۇلاشسۇن! بارلىقىمىزغا پەقەت ياخشىلىق تىلەيمەن!»
مەرھۇمغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، مېھمانلار ھۆرمىتىگە دەستىخان يېيىلدى.
زىيا سەمەدىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن بىرى كامالىدىن سېمەتوف مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە شۇنداق دېدى:
«زىيا سەمەدىنىڭ بۈگۈنكى 100 يىللىقىغا ياركەنت تەۋەسىدە چوڭ تەييارلىقلارنى قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ، يۇرتنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن دەستىخان يېيىپ، بۇ مەرىكىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ھەر يەرلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولسۇن ھەممىسى تەل بولۇپ، يىغىن ئۆتۈۋاتىدۇ.
مەن ئۆزەم بولسام - دادام سېمەتوف ئالاھىدىن سېمەت قازىنىڭ نەۋرىسى بولىمەن، يەنى چوڭ دادام بىلەن دادام ئاكا - ئۇكىنىڭ بالىلىرى. بىز مۇشۇ چوڭ دادىمىز تۇغۇلغان يەر خونىخاينىڭ ئېتىنى ئۆچەرمەي، بىر - بىرىمىز بىلەن ئارىلىشىپ، ھەر ۋاقتىدا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولسۇن، قايتىش بولغان كۈنى بولسۇن، مۇشۇ ياركەنت دىيارىدا ئەسلەپ كېلىۋاتىمىز. ئەمدى چوڭ دادىمىز زىيا سەمەدىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى دېسەك، مەن ئۇيغۇر دېگەن ئىچىدە ئوتى بار ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەرلىرى، بالىلىرى ۋە باشقىلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى، ئۆتكەن ئۆمرىنى، تارىخىنى زىيا سەمەدىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇقۇپ، ئۆگىنىپ، شۇنىڭغا باش ئېگىپ كېلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۇرت بىلەن بىللە ئاتىمىزنىڭ شۇنداق مەرىكىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئۈلۈشىنى قوشىدۇ دەپ ئويلايمەن ۋە شۇنىڭغا ئىشىنىمەن.»