يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە 19 يىل بولدى. ئەمما مەرھۇم يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتكەن مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر تەسىرى ھېلىھەم ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ كەلمەكتە.
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 1987-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1988-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندىكى گېرمانىيە سەپىرى ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى بىلەن ئىجادىيەت دۇنياسىدىكى ئۇنتۇلماس بىر ۋەقە بولۇپ قالىدۇ.
ئۇ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن «ياۋروپاغا سەپەر» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي خاتىرىسى بىلەن «سىزىق ئادەملەرگىلا» ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
ھالبۇكى، ئۆتكۈر قەلەملىك بۇ يازغۇچى ئەينى چاغدىكى سىياسىي چەكلىمە تۈپەيلى، ياۋروپادا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇقى بىلەن يېزىشقا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر جامائىتى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن بىر ھەپتىلىك ئۇنتۇلماس ھاياتى ئوقۇرمەنلەرگە سىر ھالىتىدە قەپ قالىدۇ.
يازغۇچى زوردۇن سابىر ئالەمدىن ئۆتۈپ شۇنچە يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ميۇنخېندىكى ھايات شاھىتلار مەرھۇم يازغۇچىنىڭ بۇنىڭدىن 29 يىل مۇقەددەم گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن قىممەتلىك بىر ھەپتىسى ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى.
ئەركىن ئالىپتېكىن بۇنىڭدىن 29 يىل بۇرۇنقى بۇ قىممەتلىك ئۇچرىشىشنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياد ئېتىدۇ. ئۇ ئۆز ئەسلىمىسىدە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تېخى «بېرلىن تېمى» ئۆرۈلمىگەن، ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلمىگەن بىر تارىخىي دەۋردە ميۇنخېنغا كېلىشى ۋە بۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈشى غەربتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى بىر زور ۋەقە، دەپ ھېسابلايدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «1956- ۋە 1957-يىللىرى قىزىل خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج ئۆمىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ ئۆمەكنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر ھاجىلارمۇ بار ئىكەن. شۇ مەزگىلدە دادام ئەيسا ئالىپتېكىن بىلەن تارىخچى پولات قادىرىلار ئۇيغۇر ھاجىلار بىلەن كۆرۈشۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھاجىلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قورقۇپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئىكەن. كېيىنكى يىللاردا گېرمانىيە-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى گېرمانىيەگە ئويۇن قويۇپ كەلدى. ئۇلار ميۇنخېننى زىيارەت قىلغاندا بىز ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەكچى ۋە ئۇلارغا قېرىنداشلىق سالىمىمىزنى بەرمەكچى بولدۇق. لېكىن مۇمكىن بولمىدى. ئاخىرى بىزنىڭ كۆپ قېتىم تەلەپ قىلىشىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆمەك باشلىقى كوللېكتىپ كۆرۈشۈشكە قوشۇلدى. بىز ميۇنخېندىكى بىر تۈرك رېستورانىدا زىياپەت ھازىرلاپ ئۇلارنى ساقلىدۇق. ئەپسۇسكى، ئاخىرقى مىنۇتلاردا خىتاي خوجايىنلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇلار زىياپىتىمىزگە كەلمىدى. بۇ ۋەقەلەر بىلەن سېلىشتۇرما قىلغاندا، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ميۇنخېنغا كېلىپ ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈشى ھەقىقەتەنمۇ ئەينى ۋاقىتنىڭ سىياسىي مۇھىتىدا زور تەۋەككۈلچىلىك ھېسابلىناتتى.»
ئەركىن ئالىپتېكىن يەنە، زوردۇن سابىرنىڭ ميۇنخېندىكى كۈنلىرىدە ئۆزى بىلەن كۆپ قېتىم شەخسىي سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، بۇ كۆرۈشۈشلەردە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەر ھەققىدە ئىنتايىن تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى گېرمانىيە زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرىدىن كېلىدىغان سىياسىي بېسىمغا قارىماي ميۇنخېنغا كېلىشى ۋە بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىر ھەپتە بىللە بولۇشى «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ئاجايىپ زور بىر جاسارەت ئىدى» دەيدۇ.
ئەينى چاغدا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ميۇنخېندىكى ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە تەرجىمانلىق قىلغان ئەسقەرجان ئەپەندى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بىر سەنئەتكارغا خاس قىزىقىش ۋە سەمىمىيەت بىلەن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، ئائىلە تارىخى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ھەتتا ئىسىم-فامىلىرىگىچە ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، فرانكفۇرتتىكى تۈركولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەينى چاغدا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزىگە ئوقۇتۇپ، ئاۋازىنى لېنتىغا ئالغان ۋە ئۇنى ماتېرىيال سۈپىتىدە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئارخىپىغا ساقلاشقا قويغان ئىكەن.
(داۋامى بار)