ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە بۇ يىل 19 يىل بولدى.
مەرھۇمنىڭ ئۆز خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتكەن مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ھەقىقىي يازغۇچىغا خاس كىشىلىكى ھېلىھەم ئۇيغۇر خەلقىنى ئىجادقا، ئۈمىدكە ۋە ئىشەنچكە چاقىرماقتا.
يازغۇچى 1987-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە ياۋروپاغا بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ سەپەر يازغۇچىنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋە ئىجادىيەت يولىدىكى ئۇنتۇلماس بىر ۋەقە بولۇپ قالىدۇ.
يازغۇچى ۋاپات بولۇشتىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى، يەنى «ئانا يۇرت» رومانىنى يېزىۋاتقان جاپالىق كۈنلىرىدە ئۆزىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ھەققىدە ئەسلىمە قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:«مەن تاسادىپىي قولغا كەلگەن بىر پۇرسەتتە، يەنى 1987-يىلىنىڭ ئاخىرى غەربىي گېرمانىيە زىيارەتتە بولدۇم. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدىم. بۇ لېكسىيەمدە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىچە بولغان پۈتكۈل مىللىي ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە مەلۇمات بەردىم. ئۇلار تولىمۇ قىزىقتى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە لېكسىيە ئاڭلاشقا قىزىقىدىغان كىشىلەر تازا كۆپىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە گېرمانىيەدە تۇرۇش ۋاقتىم توشۇپ قېلىپ، قايتىپ كەلدىم.»
يازغۇچى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن «ياۋروپاغا سەپەر» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي خاتىرىسى بىلەن «سىزىق ئادەملەرگىلا» ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
ھالبۇكى، ئۆتكۈر قەلەملىك بۇ يازغۇچى ئەينى چاغدىكى سىياسىي چەكلىمە تۈپەيلى، ياۋروپادا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇقى بىلەن يېزىشقا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر جامائىتى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن بىر ھەپتىلىك ئۇنتۇلماس ھاياتى ئوقۇرمەنلەرگە سىر ھالىتىدە قەپ قالىدۇ.
ئەركىن ئالىپتېكىن بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭدىن 29 يىل بۇرۇنقى بۇ قىممەتلىك ئۇچرىشىشنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياد ئېتىدۇ. ئۇ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تېخى «بېرلىن تېمى» ئۆرۈلمىگەن، ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلمىگەن بىر تارىخىي دەۋردە ميۇنخېنغا كېلىشى ۋە بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈشى ئەينى چاغدا غەربتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى بىر زور ۋەقە ئىدى، دەيدۇ.
گېرمانىيە گۆتتېنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئابلەت سەمەت مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ گېرمانىيە سەپىرى ھەققىدە گەپ قىلغاندا گېرمان تەتقىقاتچىسى توماس خوپپېنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يازغۇچى زوردۇن سابىرنى گېرمانىيەگە تەكلىپ قىلغان بۇ كىشى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا زوردۇن سابىرنىڭ گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا سۆزلىگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى لېكسىيەلىرىنى رەتلەپ گېرمان تىلىدا چوڭ بىر ماقالە ئېلان قىلىدۇ. بۇ گېرمانىيەدە ئېلان قىلىنغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئىلمىي ماقالە ئىكەن.
دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توماس خوپپې ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخرىي پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇ سەھنىگە چىقىپ پەخرىي پروفېسسورلۇق كىنىشكىسىنى ئالىدىغان ۋاقىتتا كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ بۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ رەت قىلىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «مۇشۇ تۇپراقنىڭ ئىگىسى بولغان يەرلىك مىللەت - ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش چەكلەنگەن بىر ئۇنىۋېرسىتېت بەرگەن ھەرقانداق شان-شەرەپنى رەت قىلىمەن!»
مەرھۇم يازغۇچى ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 1980-يىللاردىن بۇيان رومانچىلىق ۋە پروزا ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن چوڭقۇر ئىپتىخارلىنىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر بەدىئىي تەپەككۇر ئۇپۇقىدا كۆرۈلگەن بۇ ئۈمىد نۇرى ياشلارغا جاسارەت ۋە پىكىر يېڭىلىقى ئاتا قىلىدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە بەدىئىي ئىجادىيەت بوشلۇقىدىكى ئاجىز نۇقتىلارنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
كىشىنى چوڭقۇر ئەپسۇسلۇققا سالىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، يازغۇچى زوردۇن سابىرنى گېرمانىيەگە تەكلىپ قىلغان، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيەسى، كىلىماتى ۋە بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېتنىك مەدەنىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان گېرمان ئالىمى توماس خوپپې بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى سىرلىق بىر رەۋىشتە قازاغا ئۇچرايدۇ.
دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توماس خوپپې مۇندىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ برېمېن شەھىرىدىكى ئۆيىدىن يەلكەنلىك كېمە بىلەن بالتىق دېڭىزىغا چىقىدۇ. ئۇ، شۇ چىقىپ كەتكەنچە بالتىق دېڭىزىدا غايىب بولىدۇ. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ئۇنىڭ جەسىتى شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويىدىن تېپىلىدۇ. ئۇ ھەيدىگەن يەلكەنلىك كېمە بالتىق دېڭىزىدا سىرلىق بىر رەۋىشتە پاچاقلىنىپ كېتىدۇ.
يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىسى ئورناتقان، ئۇيغۇر خەلقىنى ياخشى چۈشىنىدىغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ھەق گەپنى قىلالىغان بىر گېرمان ئالىمىنىڭ ھاياتى سىرلىق پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.