مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە بۇ يىل 18 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتكەن مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىي ئەسەرلىرى ھېلىھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 1988-يىلىدىكى گېرمانىيە سەپىرى ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى بىلەن ئىجادىيەت دۇنياسىدىكى ئۇنتۇلماس بىر ۋەقە بولدى. ئۇ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن «ياۋروپاغا سەپەر» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي خاتىرىسى بىلەن «سىزىق ئادەملەرگىلا» ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قىلدى.
ھالبۇكى، ئۆتكۈر قەلەملىك بۇ يازغۇچى ئەينى چاغدىكى چەكلىمە تۈپەيلى ياۋروپادا كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇقى بىلەن يېزىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر جامائىتى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن بىر ھەپتىلىك ئۇنتۇلماس ھاياتى ئوقۇرمەنلەرگە سىر ھالىتىدە قالغان ئىدى.
يازغۇچى زوردۇن سابىر ئالەمدىن ئۆتۈپ 18 يىل ئۆتكەندە ميۇنخېندىكى ھايات شاھىتلار 1988-يىلى مەرھۇم يازغۇچىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن قىممەتلىك بىر ھەپتىسى ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى.
ئەركىن ئالىپتېكىن بۇنىڭدىن 28 يىل بۇرۇنقى ھايات خاتىرىسىنى ۋاراقلاپ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ميۇنخېندا بولغان كۈنلىرىدىكى ئۇنتۇلماس ۋەقەلەرنى ئەسلىمە قىلىدۇ. ئۇ يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ميۇنخېندا ئۆزى بىلەن ئۆتكۈزگەن شەخسىي سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەر ھەققىدە ئىنتايىن تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئەينى چاغدا يازغۇچى زوردۇن سابىرنى ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزغان ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، زوردۇن سابىرنىڭ بىر داڭلىق يازغۇچى بولۇشىغا قارىماي، تۇرمۇشتا ئىنتايىن ئاددىي-ساددا ۋە ھاياتنى سۆيىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بىر سەنئەتكارغا خاس قىزىقىش ۋە سەمىمىيەت بىلەن ئەينى چاغدا ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، ئائىلە تارىخى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ھەتتا ئىسىم-فامىلىرىگىچە دىققەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئەسقەرجاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، فرانكفۇرتتىكى تۈركولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەينى چاغدا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆز ئاۋازىنى لېنتىغا ئېلىپ، ئۇنى خاتىرە ئۈچۈن مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئارخىپىدا ساقلاپ قويغان ئىكەن.
ئەنىۋەرجان ئەپەندى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ميۇنخېندىكى مەزگىلىدە ھەتتا «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۆزبېكچە بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان سۆھبەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوش بولغانلىقىنى شۇنداقلا ئەينى چاغدا ميۇنخېندىكى ساناقلىق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ زوردۇن سابىر بىلەن ئاجايىپ كۆڭۈللۈك بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.
ئاخىرىدا ئەركىن ئالىپتېكىن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى گېرمانىيە زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرىدىن كېلىدىغان سىياسىي بېسىمغا قارىماي ميۇنخېنغا كېلىشى ۋە بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىر ھەپتە بىللە بولۇشىنى «ئاجايىپ زور جاسارەت» دەپ تەكىتلەيدۇ.