مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەقىقىتى: لاگېرلاردىكى زاۋۇتلار

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-01-14
Share
مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەقىقىتى: لاگېرلاردىكى زاۋۇتلار ئىشچىلار ئۈرۈمچىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىدا قوغداش كىيىمى تىكىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 27-يانۋار، ئۈرۈمچى.
REUTERS

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن لاگېرلارنىڭ قىسمەن ئەھۋاللىرى تاشقىي دۇنياغا ئاشكار بولۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانى» دەپ ئاتاۋاتقان لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر كۆپلىگەن ئەھۋاللار تازا ئېنىق بولماي كەلگەن ئىدى. «بازفىد خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرلىرىدىن مېگا راجاگوپالان ۋە ئالىسون كىللىڭ 2020-يىلىدىن تارتىپ بىرلىكتە ئىشلەۋاتقان لاگېرلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى لاگېرلارنىڭ كېڭىيىشى ۋە لاگېرلارنىڭ ئىچكىي قىسىمىدىكى قەبىھلىكلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر چاتما دوكلاتنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان 4-قىسمى بولسا لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ جەريانىغا بېغىشلانغانلىقى بىلەن ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭىدىن قۇرۇپ چىققان لاگېرلارنىڭ سانى يۈزدىن ئاشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مۇئەسەسسەلەر يالغۇز ئادەم قاماشقا ئەمەس، ئەكسىچە قامالغان كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئۈچ يىل مابەينىدە پەيدا بولغان لاگېر رايونىدىن ئاز دېگەندىمۇ 135 ئورۇندا زاۋۇت بارلىقى، بۇ زاۋۇتلاردا غايەت زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى نۆۋەتتىكى رېئاللىقنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدىكەن.

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق لاگېر زاۋۇتلىرى مەيلى لاگېرنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولسۇن ياكى ئۇنىڭغا قوشنا ئورۇندا بولسۇن، بىردەك تاشقىي جەھەتتە ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. ئۇلار ئۇزۇن ۋە چاسا شەكىللىك بىنا بولۇپ، ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك ئۆگزىسى كۆك رەڭلىك قەلەي بىلەن قاپلانغان. قىسمەنلىرى بولسا قىزىل قەلەي بىلەن قاپلانغان. بۇ خىلدىكى ئالاھىدە مۇئەسسەلەرنى ئادەتتە تېز بولغاندا بىرەر ئايدىلا پۈتتۈرىۋەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە پولات تۈۋرۈكلەرنى قەلەيلەر بىلەن قاپلاپلا تەييار قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مېگا بۇنىڭدىكى بەزى خاتا چۈشەنچىنىڭ خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«بىز بۇ تەكشۈرۈشنى باشلاشتىن بۇرۇن بىز ‹قارىغاندا، لاگېر سىستېمىسى ئەمدى مۇشۇ يەردە توختاپ قالىدىغان ئوخشايدۇ› دەپ قىياس قىلغان ئىدۇق. چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردا نۇرغۇن ساندىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ قانۇنىي بولمىغان تەرتىپ بىلەنلا ئوخشىمىغان قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىلەرگە يوللىنىپ بولغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان يوللاردىن ئۇچۇرلار كەلگىلى تۇردى. يەنە بىر قىسىم قازاقىستان پۇقرالىرى قازاقىستانغا قايتۇرۇلغىلى تۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى رەئىسمۇ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ‹دۈشمەن كۈچلەر› تەشۋىق قىلىۋاتقان ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› دېگەنلەرنىڭ تاقىلىپ، ‹ئوقۇش پۈتتۈرگەن› كىشىلەرنىڭ توپ-توپى بىلەن جەمىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەشكە ئۆتتى. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇنىڭ پۈتۈنلەي ساختا تەشۋىقات ئىكەنلىكى ئايدىڭ بولدى. يەنە بىر قىسىم جايلاردىكى لاگېرلارغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش مۇنارى دېگەندەك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىپ تاشلاندى، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ئىلغان بولغان، ئەمما ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان ئەسلىھەلەر سەپلەندى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئ‍ۆزلىرىنىڭ لاگېر ھەققىدىدىكى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى يوقىتىش ئورنىغا ئۇنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭىدىن قىزىل ياكى كۆك قاڭالتىر ئۆگزىلىك غايەت زور قۇرۇلۇشلارنى كۆپلەپ سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغىلى تۇردى. بۇ قۇرۇلۇشلار بولسا ھازىرمۇ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ. دېمەك ئىلگىرىكى كونا لاگېر قۇرۇلۇشلىرىدىكى مىڭلىغان تۇتقۇنلار ھازىر يېڭىدىن قۇرۇلغان قىزىل ياكى كۆك قاڭالتىرلىق قۇرۇلۇشلارغا يۆتكەلگەن. بىز زىيارەت قىلغان شاھىدلاردىن بىرنەچچىسى دەل مۇشۇ خىل تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلارغا يۆتكەلگەنلەر ئىكەن.»

«بازفىد خەۋەرلىرى» نىڭ خادىملىرى جەزملەشتۈرگەن مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلاربىلەن باغلىنىشلىق بولغان زاۋۇتلارنىڭ ئ‍ومۇمىي كۆلىمى ئىككى مىليون كۇۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى «فورد» شىركىتىنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زاۋۇت» دەپ تەرىپلىنىدىغان مىچىگان شىتاتىدىكى سانائەت رايونىدىنمۇ چوڭ ئىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي ساھەگە دائىر مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلشىچە، خىتايدىكى ئىچكىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) ئەڭ تېز ئېشىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر دىيارى ئىكەن. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئېكىسپورت سودىسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەمىلىيەتتە دەل مۇشۇ لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنىڭ بىر مۇھىم ئىسپاتى ئىكەن. مېگا خانىم زىيارەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇ جەھەتتە ئوخشاپ كېتىدىغان بايانلارنى تىلغا ئالغان.

«لاگېرلارغا باغلىنىشلىق يەنە بىر مۇھىم مەسىلە مەجبۇرىي ئەمگەكتۇر. ئەمما بۇ لاگېردىكىلەرنىڭ ھەممىسى لاگېرنىڭ ئىچىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتنىشىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، لاگىرغا قامالغان كىشىلەر بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەك ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم بولغان بىر تۈرلۈك باغلىنىشنىڭ بارلىقى كۆپ تەرەپلىمە پاكىتلاردىن ئايدىڭ بولۇۋاتىدۇ. دەرۋەقە ھازىرچە بىزنىڭ قولىمىزدا تۈرمىلەرگە ئوخشاش بولمىغان قاماق جازاسىنى ئۆتەشكە يوللانغان كىشىلەر بىلەن بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش بارلىقى ھەققىدە كۆپ ماتېرىيال يوق. شۇڭا بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار لاگېردىكىدىن پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. بىز ئىگىلىگەن ئەھۋالدا كىشىلەر ئەڭ دەسلەپ چاقماق تېزلىكىدە ھەمدە غايەت زور ساندا تۇتقۇن قىلىنغان. بولۇپمۇ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ لاگېرغا كىرگەن ھامان مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئاللىقاچان قامىلىپ بولغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇلار قاتارىدا تۇرسۇنئاي ئىسىملىك ئ‍ۇيغۇر شاھىد بولسا لاگېرغا ئېلىپ كېلىنگەندىلا لاگېر دەرۋازىسىغا توپلانغان مىڭلىغان كىشىلەرنى كۆرگەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن لاگېر دەسلەپ باشلانغاندا ئۇ جاي بەكلا تىقماق-تىقماق بولۇپ كەتكەن. ئۇيقۇ ۋە تاماق دېگەنلەردە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن. بۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ بىراقلا تۇتقۇن قىلىنىشى بىزگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنى ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇش نىيىتىنىڭ ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا تەييارلىغان ئەسلىھەلىرىنىڭ دەماللىققا يېتىشمەي قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 2018-يىلىدىن باشلاپ ئاندىن بىز كۆرۈۋاتقان قىزىل قاڭالتىرلىق بىنالار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ بىنالارنى سېلىش ئاسان ۋە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدىغان بولغاچقا ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇش نىشان قىلىنغان كىشىلەرنى توپلاپ باشقۇرۇشقا بەكلا ئوڭ كەلگەن. چۈنكى بۇ بەكلا بىخەتەر ئۇسۇل، دەپ قارالغان.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا جايلاشقان زاۋۇتلار ھەمدە «خىتايچە بىلمەيدىغان»، «ھورۇنلۇق ئىدىيىسىدە بولۇۋاتقان» ئۇيغۇرلارنىڭ ئايدا توققۇز سومدىن 350 سوم (55 ئامېرىكا دوللىرى) غىچە ئوخشىمىغان ئىش ھەققى بىلەن يۈز مىڭلىغان ساندا مۇشۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى 10-12 سائەتلەپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئاخشاملىرى شى جىنپىڭنىڭ نۇتۇقىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولۇشى دېگەنلەر ھەققىدە ھازىرچە مەلۇم بولغان ماددىي ئىسپاتلار تاغدەك دۆۋىلەنگەن ھالدا ئىكەن. ئەمدى ھازىرقى مەسىلە تاشقى دۇنيانىڭ، شۇنىڭدەك ئاشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ۋاستىلىك مەنپەئەتدارلىرى بولغان دۇنياۋىي شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشى ئىكەن.

«(جوۋ) بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە قانداق مەۋقەدە بولىدۇ ھەمدە قانداق تەدبىرلەنى قوللىنىدۇ، دېگەنگە ھازىرچە بىرنەرسە دېيەلمەيمىز. مېنى ھازىر بەكرەك ئۆزىگە قىزىقتۇرىۋاتقان تېما بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن دۇنياۋىي تەمىنات زەنجىرىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ھەمدە بۇنى قانداق ھەل قىلىش لازىم، دېگەن مەسىلىدۇر. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئىسپاتلارنى ھۆججەتلەشتۈرۈش ھازىر زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. ھازىر بۇ يەردە تېخىمۇ مۇھىم بولغان بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك داۋام قىلىۋەرسە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مەۋجۇتلۇقى قاچانغىچە داۋام قىلىشىغا بىرنەرسە دېمەك قىيىن. چۈنكى ئۇ خىل رېئاللىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى كېيىنكى ئەۋلاتقا ئۆتمەيلا غايىپ بولۇشقا باشلايدۇ. يەنە بىرى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان كوللىكتىپ گاراڭلىق ھازىر پۈتكۈل خەلقنى ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولۇشتىن مەھرۇم قالدۇرىۋاتىدۇ. تاشقى جەھەتتىكى ئەھۋالنى ئېلىپ ئېيتساق ھازىر نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق شىركەتلەر بىزدىن چاققان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەدىسىلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكتىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىدە بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش ھادىسىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمدى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىكى رېئاللىقتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھازىر بۇنى ئىسپاتلاش ياكى رەت قىلىشنىڭ ئىلاجى يوقنىڭ ئورنىدا، دېسەكمۇ بولىدۇ. بىر قىسىم شىركەتلەر بولسا بۇنىڭدىن خەۋىرى يوق قىياپەتتە ئۆز ئىشىنى قىلىۋاتىدۇ. ھېچكىمنىڭمۇ بۇ ئىشلار بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ ھال ئەمىلىيەتتە ئۇلارغا ھېچقانچە تەھدىت پەيدا قىلغىنى يوق.»

مېگا ۋە ئۇنىڭ كەسپداشلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زاۋۇتلاردا مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇن شاھىدلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى «بىز مىليونلاپ پۇل تاپقان. ئەمما ئەركىنلىكىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بولالمىغان ماكاندا پۇلنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمىدى» دېگەن. تاشقى دۇنيانىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ھەققىدىكى چۇقانلىرى بولسا بۇ جەھەتتە بىرەر خوشاللىنارلىق ئۇتۇقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تەقەززا بولماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت