بىريۇسسېلدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.02.16
biryusel-uyghur-mejburiy-emgek-yighin-2 «ياۋروپا قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائەتچىلەر كېڭىشى» (ESMC)نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پاكىزە ئېنېرگىيە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدىكى يىغىندا سۆزگە چىققانلار. 2024-يىلى 15-فېۋرال، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

15-فېۋرال بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «ياۋروپا قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائەتچىلەر كېڭىشى» (ESMC)نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگە بېغىشلانغان «تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پاكىزە ئېنېرگىيە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەشكىللەنگەن بۇ يىغىنغا بىۋاسىتە ۋە تور ئارقىلىق 130 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرى، تەتقىقاتچىلار، قۇياش ئېنېرگىيەسى مۇتەخەسسىسلىرى، كارخانىچىلار ۋە مۇخبىرلار قاتناشقان.

«ياۋروپا قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائەتچىلەر كېڭىشى» تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىدىن رايىنخارد بۈتىكوفېر (Reinhard Bütikofer)، ئاننا كاۋاززىنى (Anna Cavazzini)، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئامېرىكا كوممۇنىزىم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz)، پاكىز ئېنېرگىيە شىركىتىدىن ئانيا لانگې (Anja Lange)، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسىدىن پاترىسىيا كاررېر (Patricia Carrier) ۋە «ياۋروپا قۇياش ئېنىرگىيەسى سانائەتچىلەر كېڭىشى» دىن يوھان لىنداھىل (Johan Lindahl) قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلىگەن.

«تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پاكىزە ئېنېرگىيە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدىكى يىغىندا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم دوكلات بەرمەكتە. 2024-يىلى 15-فېۋرال، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
«تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پاكىزە ئېنېرگىيە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدىكى يىغىندا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم دوكلات بەرمەكتە. 2024-يىلى 15-فېۋرال، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

بىريۇسسېلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ BASF شىركىتى كورلادىن چېكىنىپ چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان، ۋولكىسۋاگېن ئۈستىدىن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاش چۇقانلىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ياۋروپادىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركەتلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا بۇنداق مۇھىم بىر يىغىننى چاقىرىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى رايىنخارد بۈتىكوفېر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە يارالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، «خىتاي ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكىنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ، خىتاي يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، خىتاي توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، خىتاي تەتۈر تەشۋىقاتنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، خىتاي دىققەتنى چېچىۋاتىدۇ، ئەمما پاكىت بەرىبىر پاكىت، خىتاينىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا زامانىۋىي قۇللۇق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى ئەسلى پاكىتتۇر» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

«تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پاكىزە ئېنېرگىيە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدىكى يىغىندا خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 15-فېۋرال، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
«تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پاكىزە ئېنېرگىيە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدىكى يىغىندا خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 15-فېۋرال، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

روشەن ئابباس خانىم ئۆز سۆزىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەت ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپلا قالماي، ئۇنىڭدىن قۇل سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە ۋۇجۇدقا چىققان مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا بازارلىرىدا سېتىۋاتقانلىقى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بىريۇسسېلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «ياۋروپا قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائەتچىلەر كېڭىشى» ئارقىلىق بۇنداق بىر يىغىننى تەشكىللەشتىكى مەقسەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە، ياۋروپا شىركەتلىرىگە «سىلەرنىڭ ئېرىشىۋاتقىنىڭلار پاكىزە ئېنېرگىيە ئەمەس، سىلەر بىر مىللەتنىڭ قېنىغا شېرىك بولۇۋاتىسىلەر» دېگەننى بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئادرىيان زېنز يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قۇربان بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نە ئىشلەش-ئىشلىمەسلىك ھەقلىرىنىڭ يوقلۇقى، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي يىغىپ سانائەت زاۋۇتلىرىغا تەقسىملەپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلالمايدىغانلىقى قاتارلىق بىر تالاي مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما مۇدىرى سەركان تاش ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ياۋروپا قۇياش ئېنېرگىيىسى سانائەتچىلەر كېڭىشى» (ESMC)نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پاكىزە ئېنېرگىيە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى» ناملىق بۇ يىغىن ياۋروپا سانائەتچىلىرىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدا مۇھىم بىر دەرس بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.