جياڭسۇدا مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى چىققان گۈنپولات تېمىرقاننىڭ چاپچالدىكى لاگېردا 7 ئاي جازالانغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.04.03
gunpolat-temirqan.jpg جياڭسۇدا مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى چىققان، چاپچالدىكى لاگېردا 7 ئاي جازالانغان گۈنپولات تېمىرقان.
RFA

قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى باختئالىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017 ‏-يىلىنىڭ بېشىدا چاپچالنىڭ سەككىزسۇمبۇل يېزىسىدىن كۆپىنچىسى قازاقلاردىن تەشكىللەنگەن 40 نەپەر ياش جياڭسۇ ئۆلكىسىگە ئەكېتىلگەن ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان. بۇلاردىن گۈنپولات تېمىرقان ئىسىملىك بىر ياش مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئەمگەككە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن چاپچالغا قايتۇرۇپ ئەكېلىنىپ، بىر يىل لاگېردا جازالانغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان چاپچال ناھىيە سەككىزسۇمبۇل يېزىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلالمىدى.

لاگېر شاھىتى باختئالىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدا چاپچالنىڭ سەككىزسۇمبۇل يېزىسىدىن جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىغا ئېلىپ بېرىلغان قازاق ۋە ئۇيغۇر ئىشچىلارغا 4-5 ئايچە ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ مائاش بېرىلمىگەن. ئەسلىدە يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت ۋەدىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ كىشىلەر ئىش ھەققىنى سۈرۈشتە قىلغان ۋاقتىدا جاۋابسىز قالدۇرۇلغان ۋە ياكى تىل-ھاقارەتكە ئۇچرىغان.

چەت ياقىدىكى بىر زاۋۇتتا زاۋۇت قورۇسىغا سولانغان ھالەتتە مەجبۇرى ئىشقا سېلىنغان بۇ كىشىلەر ئاخىرى زاۋۇت رەھبەرلىرىگە ۋە ئۆزىنى نازارەت قىلىۋاتقان قاراۋۇللارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. نارازىلىق بىلدۈرگەنلەردىن بىرى گۈنپولات تېرمىرقان ئىسىملىك قازاق ياش بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى زاۋۇت باشلىقلىرى تەرىپىدىن چاپچالدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا «تېررورلۇققا ئۇرۇنۇش» دەپ دوكلات قىلىنغان. نەتىجىدە گۈنپولات خىتاي ساقچىلىرىدىن تەرىپىدىن جياڭسۇدىن قايتۇرۇپ ئەكېلىنىپ، چاپچال 3‏-ئوتتۇرا مەكتەپ لاگېرىدا 7 ئاي جازالانغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان چاپچال ناھىيە سەككىزسۇمبۇل يېزىلىق ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ گۈنپولات تېرمىرقاننى بىر قېتىم سوراق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ گۈنپولاتنى نېمە ئۈچۈن سوراققا تارتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ يەنە سەككىزسۇمبۇلدىن جياڭسۇغا ئەكېتىلگەن 40 كىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى. ئەمما ئۇ سەككىزسۇمبۇلدىن 40 كىشىنىڭ جياڭسۇغا ئەكىتىلگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

باختئالى چاپچالدا لاگېردا ۋە لاگېر سىرتىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلغان ئىشچىلارنىڭ ئاساسەن ئالداپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ئېلىپ مېڭىلغانلار ئارىسىدا ئىشسىزلارلا ئەمەس، ئىش-ئوقىتى ياخشى كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقى، چۈنكى دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئادەم يولغا سېلىشتا ئالداش تەدبىرى كارغا كەلمىسە، لاگېرنى ئىشارەت قىلغان ھالدا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باختئالىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، زاۋۇتقا قامالغان ئۇيغۇر ۋە قازاق ئىشچىلار ئىشلەشنى رەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا زاۋۇت-سېخ باشلىقلىرى ياكى ياللىۋالغان ئاتالمىش بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تاياق-توقماقلىرىغا دۇچ كەلگەن.

باختئالىنىڭ بايانلىرىدىن چاپچالدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان ئىشچىلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پەقەت خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچى يوللاشنى سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سەككىزسۇمبۇل يېزىسىدىكى بىر ئەدلىيە خادىمى جياڭسۇدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن گۈنپولات تېمىرقاننى تونۇيدىغانلىقى، ئۇ جياڭسۇغا ئەكىتىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تاغدا بىر قېتىم ئۇچراشقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، سەككىزسۇمبۇلدىن جياڭسۇغا ئەكېتىلگەن 40 كىشىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلىق ھۆكۈمەتتە بىر قېتىم رەسمىي يىغىن ئېچىلغان. يىغىندا بۇ 40 كىشىنىڭ مەزكۇر زاۋۇتقا كۆنەلمەسلىكى ۋە ئۇلار ئىچىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ زاۋۇت رەھبەرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى بۇ يېزىنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش دەپ قارالغان ئىكەن.

يۇقىرىدا چاپچال ناھىيە سەككىزسۇمبۇل يېزىسىدىن 40 ئەتراپىدا كىشىنىڭ جىياڭسۇغا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەكېتىلگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرگەن گۈنپولات تېمىرقاننىڭ 7 ئاي لاگېردا جازالانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.