بوندا چاقىرىلغان «دۇنيا ئىقلىم ئۆزگىرىشى» يىغىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2024.06.07

گېرمانىيەنىڭ بون شەھىرىدە 3-ئىيۇن كۈنىدىن 6-ئىيۇنغىچە چاقىرىلغان «دۇنيا ئىقلىم ئۆزگىرىشى» يىغىنىغا د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتى رەئىسى، د ئۇ ق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئۇ، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى «دۇنيا ئىقلىم ئۆزگىرىشى» يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئەكىرىشكە چاقىرىق قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى بۇ يىغىندا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن.
زۇمرەتئاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن، 11-ئايدا ئەزەربەيجاننىڭ باكۇدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «دۇنيا ئىقلىم ئۆزگىرىشى» يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىنى بېكىتىش ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرى يىغىنى ئىكەن. ئۇ، 5-ئىيۇن كۈنى، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ «دۇنيا ئىقلىم ئۆزگىرىشى» يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن بىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ؛ «دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى خام مەنبەسىنىڭ 35% تىن كۆپرەكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان»
زۇمرەتئاي سۆزىدە يەنە، «شەرقىي تۈركىستاندىكى قالايمىقان قېزىشلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قارىغۇلارچە مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا ئېغىر زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدا كىلىماتقا مۇناسىۋەتلىك قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى» تەكىتلىگەن.
«دۇنيا ئىقلىم ئۆزگىرىشى يىغىنى» پارىژ كېلىشىمىنى ئاساس قىلغان، ب د ت نىڭ بىۋاسىتە تەشكىللىشىدىكى خەلقئارالىق يىغىن بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئەزا دۆلەتلەر «دۇنيا ئىقلىم ئۆزگىرىشى» يىغىنىنىڭ پارىژ كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. د ئۇ ق نىڭ بېرلىن ئىشخانىسى دىرېكتورى غەيۇر قۇرباننىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىنغا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى تەكلىپ قىلىنىشى ب د ت ۋە ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ خىتاينىڭ مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشقا بولىدىكەن.
زۇمرەتئاي يەنە، بۇ يىغىنغا پاراللېل ھالدا چاقىرىلغان «ئادىل تەرەققىي قىلىشتا كارخانىلارنىڭ رولى» دېگەن مۇزاكىرە يىغىنىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» نىڭ تىجارەت ساھەسىدە كۆز يۇمۇلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
«دۇنيا ئىقلىم ئۆزگىرىشى» يىغىنى كومىتېتى ھەر يىلى تەييارلىق خىزمەتلىرى يىغىنى چاقىرىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىدىن پىكىر ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشىنى پەسەيتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جېمىس گرابېرت «بۇ ئۇچۇرلار، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى، تەرەققىياتىنى باھالاشتا نىشانغا يېتىش يولىدىكى بىرىنچى قول ماتېرىيال بولالايدۇ» دەپ ئېيتقان.