مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بىر خادىم، تۇرپان تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ھەر كۈنى 8 سائەت ئىشلەيدىغانلىقى ۋە نۆۋەتتە مىكرو ئېلىكتۇر سايمانلىرىنى قۇتىلارغا قاچىلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. نۆۋەتتە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بىر سابىق مەھبۇس، تۇرپان تۈرمىسىدە مەھبۇسلارنىڭ ئاز دېگەندە 11 سائەت ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
ئۇيغۇر ئىلىدا تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا زور مىقداردا جەرىمانە قويۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدە بىكار قويۇلمايۋاتقانلىقى ۋە ھەر خىل ھەقسىز ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى خادىمى، ئۆزىنىڭ يېقىندا تۇرپان داخىيەن تۈرمىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى ۋە تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ «ئالاھىدە ياخشى» ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە مەھبۇسلارنىڭ «ئاران 8 سائەت» ئىشلەيدىغانلىقى ۋە ئىشلىرىنىڭ «بەكلا يەڭگىل» ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلىدى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ خادىم مەزكۇر تۈرمىنىڭ 13 -ئەترىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى تەكشۈرۈشكە بارغىنىدا، مەھبۇسلارنىڭ قۇرۇق ئۈزۈملەرنى تۈرگە ئايرىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆكتاتلارنى يېشىككە قاچىلاۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇ ئۆتكەن ئاينىڭ 6 -كۈنىمۇ مەزكۇر ئەترەتكە يەنە بىر رەت پەسىللىك تەكشۈرۈشكە بارغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ مەھبۇسلارنىڭ مىكرو ئېلېكتىر سايمانلىرىنى قۇتىلارغا قاچىلاۋاتقانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
نۆۋەتتە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بىر سابىق مەھبۇس، ئۆزىنىڭ 2014-يىلى قاماقخانىدىن تۈرمىگە يۆتكىلىش جەريانىدا تۇرپان داخىيەن تۈرمىسىدە ئىككى ھەپتە تۇرغۇزۇلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا، ئۇ يەردىكى مەھبۇسلارنىڭ كۆنىگە 11 سائەت ئىشلەۋاتقىنىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر تۈرمىگە ئائىت بولغان ۋە بىر خىتاي كۆچمەن تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان 500 مو قۇرۇق ئۈزۈملۈك بار بولۇپ، بۇ ئۈزۈملۈكنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەزكۇر تۈرمىدىكى مەھبۇسلار سېلىنىدىكەن.
يۇقىرىقى تۈرمە خادىمى، مەھبۇسلارغا ئىش ھەققى بېرىلىدىغان-بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئەمما سابىق مەھبۇس، ئەينى چاغدا تۈرمىلەردە مەھبۇسلارغا پەقەت ئايدا 8 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىلىدىغانلىقى، بۇ پۇلنىڭ تازىلىق خىراجەتلىرىگىمۇ يەتمەيدىغانلىقى، شۇڭا مەھبۇسلار ئائىلىسىدىن كەلگەن خىراجەت پۇللىرى بىلەن يېمەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى قامدايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بىر ھەۋەسكار تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۈرمە ئەھۋالىنى توردىكى ماتېرىياللاردىن ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بۇ سابىق مەھبۇس، نۆۋەتتە تۇرپاندا 17 ئورۇندا تۈرمە، قاماقخانا ۋە لاگېر بارلىقىنى، بۇ يەردىكى تۇتقۇن ۋە مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدا تۇرپان تۈرمىسىدە مەھبۇسلارنىڭ مىكرو ئېلېكتىر سايمانلىرىنى قۇتىلارغا قاچىلاش قاتارلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.