ئامېرىكا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلانغان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى تۇتۇشقا باشلىغان

ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلانغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى ئىمپورتىنى تۇتۇپ قېلىشقا باشلىغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ئەمەلدارلىرى يېقىندا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن چىرقىرىغان چەكلەش بۇيرۇقىغا ئاساسەن خىتايدىن كېلىدىغان بىر نەچچە شىركەتنىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنى چەكلەشنى يولغا قويغان.

خەۋەردە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملار ۋە ئانالىزچىلارنىڭ بايانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئاز دېگەندە ئۈچ خىتاي شىركىتىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى نىشان قىلىنغان ئىكەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» غا يوللىغان ئېلېكترونلۇق خەتتە ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئۆز ئىدارىسىنىڭ بىر قاتار شىركىتىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ يىل ئىيۇندا قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىدا ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىدىغان خوشىن كرېمنىي شىركىتىگە چەكلىمە قويغان. ئۇلار ئەينى چاغدا، ئۇيغۇر رايونىدا زاۋۇتى بار خوشىن شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى ئۆز تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن خوشىن شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىلىرىغا چېتىلىدىغانلىقى دەلىللەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىركەتلىرى يەر شارى قۇياش ئېنېرگىيە ساھەسىنى مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان خوشىننىڭ خام ئەشياسىنى ئىشلىتىدىكەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنى نازارەت قىلىدىغان ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالېخاندرو مايوركاس بۇ يىل ئىيۇندا چىقىرىلغان ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قارارىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە: «ئەمما، قەيەردە مەۋجۇت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىز مەجبۇرىي ئەمگەكنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايمىز، بۇ ئىنتايىن مۇھىم،» دېگەن ئىدى.