خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ پاختا مەھسۇلاتلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021-09-09
Share
خىتاي ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا سالماقتا!
Yettesu

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 8-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 7-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ۋە توقۇمۇچىلىق ساھەسىدىكى شىركەت خوجايىنلىرى ۋە شەخسلەردىن تەركىب تاپقان 7 نەپەر ئاتالمىش «گۇۋاھچى» سۆزگە چىققان.

ئۇلار بىردەك ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «مەجبۇرى ئەمگەك» دېگەننى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىغا قارا سۈركەۋاتقانلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ پاختا ئىگىلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.

يىغىن رىياسەتچىسى خۇ جىچۈن «يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى ‹مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى› دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقاردى. بۇ شىنجاڭ پاختا مەخسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى بازىرىغا قىلىنغان زومىگەرلىك ۋە ئۇنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقنىڭ ئىپادىسى. ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى رايوندا خىزمەت پۇرسىتى ياراتتى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشى پاختىكارلارغا بېيىش پۇرسىتى ياراتتى، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈردى. شىنجاڭدا نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك تارىخى ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا پاختا توقۇمىچىلىق ساھىسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى، رايوندىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى،» دېگەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا يەنە ئاتالمىش «گۇۋاھچى» لاردىن شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرىدىكى «پاختىزارلىقنى ھۆددىگە ئېلىپ بېيىغان» ئابابەكرى مەمەت ئىسىملىك دېھقان سۆزلىتىلگەن.

ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قوللاش سىياسىتى بىلەن پاختا تېرىپ بېيىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاندىن ئۇ 2020-يىلدىن باشلاپ پاختا تېرىشتىن يىغىۋېلىشقىچە بولغان مەشغۇلات جەريانىنىڭ 69. 83 پىرسەنتىنىڭ ماشىنىلىشىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە كېۋەزلىكتە زور ساندا ئادەم كۈچى سەرپ قىلىشنىڭ ھازىر ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا «مەجبۇرىي ئەمگەك» نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئېلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئېچىشىغا ئۇلارنىڭ خەلقئارا بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى پاختا مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى دۇنيا خەلقىنىڭ بىلىپ كەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنى ئاقلاش مەجبۇرىيىتىدە قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىيە ئىدارىسى خىتايدىن ئېكىسپورت قىلىنغان زور تۈركۈمدىكى توۋارلارنى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار» دەپ مۇسادىرە قىلغان ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل 8-ئاي مەزگىلىدە تەنھەركەت ئايىقى ۋە پاختىدىن ئىشلەنگەن ئەرەنچە كيىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم خىتاي توۋارلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ئېكىسپورت قىلغان بۇ توۋارلارغا «ۋىيېتنامدا ئىشلەنگەن» دېگەن خەتلەر بېسىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ ئامېرىكا باشلىق غەرپ دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەنگەن پاختا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر كۈچەيتىلگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ۋېتنام، لائۇس قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەردە زاۋۇت قۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن پاختا مەھسۇلاتلىرىنى غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە ئېكىسپورت قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ يالغانچىلىقلارنىڭ پاش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

غەرپتىكى مۇستەقىل تاراتقۇلار خەۋەرلىردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2021-كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكادىن باشقا يەنە ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىمۇ خىتايدا ئۇيغۇرلار مەجبۇرى ئەمگەك كۈچلىرى قىلىنغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەشەببۇسلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئالغان. يوقىرىقى دۆلەتلەر يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» ۋە گېرمانىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD قاتارلىقلارنىڭ 5-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزى بېرلىندا بولغان «ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» ناملىق تەشكىلات ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار گېرمانىيەنىڭ لىدل، ھيۇگو، بوس قاتارلىق 5 كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن فېدىراتسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىگە 96 بەتلىك ئەرزنامە سۇنغان.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 7-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، فرانسىيەدىكى تەپتىش مەھكىمىلىرىمۇ بۇ يىل 7-ئايدا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، يەنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چېتىشلىق بولغان 4 كىيم-كېچەك شىركىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، غەرپ دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئۇيغۇرلار مەجبۇرى ئەمگەك كۈچى قىلىنغان توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەشەببۇسلىرى كۈچەيگەن. خەلقئارالىق داڭلىق شىركەتلەر ئۆزلىكىدىن ھەركەتلىنىپ، بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەندىلا، ئاندىن خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تونيۇپ يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىڭتۈەننى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان قىلغان ئىدى. بۇ يىل 8-ئايدا يەنە ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئىشلەپچىقارغان پاختا توقۇلما مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چەكلەش تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا بىر قىسىم تەدبىرلەرنى ئالغان.

«ئاۋستىرالىيە» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسى بۇ يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى بېلەت تاشلاپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغان. ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى رەكىس پاترىك بۇ لاھىيە ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى شىنجاڭنىڭ زور كۆلەملىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاچقۇچلىق رول ئوينايدىغانلىقى، ئۇنىڭ خەلقئارا ماركىلارنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش خىتاي سانائەت ساھەسىگە كېڭەيگەنلىكى» نى ئېيتقان.

ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئەمىلى تورېنبەرىي خانىم ئەنگىلىيە سەھىيە مىنىستىرى ساجىت جاۋىدقا خەت يېزىپ، ئەنگىلىيەنىڭ تېببىي بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشتا «شىنجاڭ شىركەتلىرىنىڭ تېببىي بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماسلىق» نى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە دىيىلىشىچە، ئەمىلى تورېنبەرىي خانىم خېتىدە ئەنگىلىيەنىڭ ماسكا، خالات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 مىليارد دوللارلىق تېببىي بۇيۇمى سېتىۋېلىش يېڭى توختامىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە بېرىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت