ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-12-20
Share
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلىدى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش باش تېمىسىدا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىدا تىنچ يوسۇندا نامايىش قىلىش ھەرىكىتى باشلىدى. 2020-يىلى 19-دېكابىر. ۋىرجىنىيە، ئامېرىكا.
Photo: RFA

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش باش تېمىسىدا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىدا تىنچ يوسۇندا نامايىش قىلىش ھەرىكىتى باشلىدى.

ھەرىكەتنىڭ تۇنجى قېتىمقىسى 19-دېكابىر ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ ئارلىنگتون ناھىيەسىدىكى كلارىندون رايونىغا جايلاشقان ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى ماكس گېلبېر «ئالما»، «نايكى» قاتارلىق شىركەتلەر يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» غا قارشى باشلىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ ئوڭۇشلۇق ماقۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە مەزكۇر ھەرىكەتنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئالما، نايكى، كوكا-كولا قاتارلىق بۇ قانۇننى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە چاقىرىمىز. ئەلۋەتتە چوڭ شىركەتلەر ئۆز پايچىلىرىنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرخىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى خالايدۇ.»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» بۇ يىل سېنتەبىردە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ۋە كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغان ئىدى.

ھالبۇكى، مەزكۇر قانۇن ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي «نايكى»، «كوكا-كولا» قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر قانۇننى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ھەيئەت ئەزاسى ئەلپىدار ئىلتەبىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەرنى نىيىتىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇ ھەرىكىتىمىز جەريانىدا ھەر ئايدا بىر شىركەتكە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىمىز. ھەرىكىتىمىزنى ئالما شىركىتىدىن باشلىدۇق. بۇ نۆۋەت كلارىندوندىكى ئالما دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئىككى سائەت نامايىشى قىلدۇق. كېلەر ھەپتە جورجتوۋنغا جايلاشقان ئالما دۇكىنىنىڭ ئالدىدا تۇرماقچى.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت