سۈبھى مەمەت: «كىشەنلەنگەن كىشى مېنىڭ دادام»
2021.05.04

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلىدىن بېرى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى تۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللا بۇ دولقۇندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ بىرى.
مەمەت ئابدۇللانىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قىزى سۈبھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دادىسى مەمەت ئابدۇللا 2017-يىلى 29-ئاپرېل ئامېرىكاغا كېلىش سەپىرىنىڭ ئالدىدا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دادىسنىڭ ئەھۋالدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان بولۇپ، يېقىندا ئاپىسى ۋە ھەدىسى پەقەت تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتۈرۈلگەن.
سۈبھى مەمەت بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «گەرچە ئاپام ماڭا ‹دادىڭىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، دادىڭىز ھاياتكەن، › دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىشەنگۈم كەلمىدى.»
سۈبھى مەمەت خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دادىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 16-ئاپرېل «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئۇنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىگە نەچچە ئون يىل خىزمەت قىلىشمۇ دادامنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرالمىدى» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر ماقالىدە ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «ئۆتكەن يىلغىچە ئاكام ئىككىمىز ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاساسەن سۈكۈتتە تۇرغان ئىدۇق. سۈكۈتتە تۇرساقمۇ پايدىسى بولمىدى. دادام يەنىلا تۇتقۇندا. ئەمدى سۈكۈت قىلغۇم يوق. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىللىكىنى مەنمۇ سۆزلىمىسەم، باشقا بىراۋمۇ سۆزلىمىسە، ۋەتىنىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرىدا يوقىلىپ كېتىشىدىن قورقىمەن.»
خىتاي دائىرىلىرى 2000-يىللاردىن 2016-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ساھەسىگە ۋە مىللىي تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان سەرخىلار قاتلىمىغا ئومۇمىييۈزلۈك زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەن ئىدى. 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياكى ئالىقاچان پېنسىيەگە چىققان ئەمەلدارلار، كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچىلەر ۋە زىيالىيلارغا زەربە بېرىشنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن. سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللامۇ ئەنە ئاشۇ زەربە بېرىش دولقۇنىدا تۇتۇلغانلارنىڭ بىرى ئىدى.
سۈبھى مەمەت دادىسى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا گۇۋاھلىق بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2020-يىلى 1-ئىيۇن كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سۈبھى مەمەتكە ھۇجۇم قىلغان. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئېلان قىلغان ماقالىدە سۈبھى مەمەتنىڭ سۆزلىرىنى «پۈتۈنلەي توقۇلما، خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى قايمۇقتۇرغانلىق، دادىسىنى قوللىغانلىق، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىق،» دەپ ئەيىبلىگەن. مەمەت ئابدۇللانىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن جازالانغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.
سۈبھى مەمەت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاكام ئىككىمىزنى يالغانغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزى چىقارغان ھۆكۈمىنى ئۆزى ئنكار قىلدى،» دېدى.
خىتاي دائىرىلىرى باياناتىدا سۈبھى ۋە ئاكىسىنڭ دادىسى مەمەت ئابدۇللا ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى «توقۇلما» دەپ ھۇجۇم قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرى سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللانىڭ «پارىخورلۇق قىلغانلىقى ۋە ھوقۇقىدىن پايدىللىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقانلىقى» جىنايىتى بىلەن جازالانغانلىقى ھەققىدىكى ۋىدىيوسىنى تارقاتقان.
سۈبھى مەمەت دادىسى تۇتقۇن قىلىنىپ نەچچە يىلدىن كېيىن دادىسىنى كىشەنلەنگەن، مەھبۇس كىيىمى كىيگەن بىر بوۋاي ھالىتىدە ۋىدىيودىن كۆرگەن. ئۇ شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرۈكى، مېنىڭ پەخرىم بولغان دادامنىڭ كىشەنلەنگەن ھالىتىنى كۆرۈپ، يۈرىكىم پۇچلىنىپ كەتتى. ھېچقانداق بىر بالىنى دادىسىنىڭ خورلانغان ھالىتىنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلمىسۇن!»
سۈبھى مەمەت ئاخىرىدا يەنە ئۆزىگە ئوخشاش ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، ئەمما سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ سۈكۈتنى بۇزۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى: «ئاشۇ چارىسىز قالغان، ياردەم كۈتىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئەركىن دۇبنيادا ياشاپ تۇرۇپمۇ ئاۋاز چىقارماي تۇرۇۋېلىشنىڭ ئۆزى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر.»