كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچىسى مەمەتتۇرسۇن دايئىمنىڭ 11 ئايدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن كۇچالىق مۇھاجىرلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ ئايالى نۇرىيەنىڭ پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ۋە نۆۋەتتە بېقىشسىز قالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ نۆۋەتتە كۇچادىكى 4 لاگېردىن بىرى بولغان ئاتالمىش «3-تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
كۇچالىق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، تۇتقۇن مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ ئايالى نۇرىيە 2012-يىلى مېڭىسىگە قان چۈشۈش بىلەن پارالىچ بولۇپ قالغان. مەمەتتۇرسۇن دائىم تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى نۇرىيە بېقىشسىز قالغان ۋە ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە يامانلاشقان. مەمەتتۇرسۇن تۇتقۇندا بولغانلىقى ئۈچۈن قولۇم-قوشنىلىرى نۇرىيەدىن ھال سوراشقا ۋە ياردەم قىلىشقا پېتىنالمىغان.
مەمەتتۇرسۇن ھەققىدە ئەڭ دەسلەپتە فېيسبۇكتا ئۇچۇر ئاشكارىلىغان ئۇيغۇرىيە ئالپ نامىدىكى كىشىمۇ مەمەتتۇرسۇنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئايالىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىز كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىگە قايتا تېلېفون قىلىپ، مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ ئايالىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى نۇرىيەنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى، بۇ ھەقتە 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. بىز 4-ئوتتۇرا مەكتەپتىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئالالمىغاندىن كېيىن ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئەدلىيە خادىمى ئوچۇق ھالدا مەمەتتۇرسۇن دائىم ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى سوراشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەمەتتۇرسۇن دائىم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان لاگېر ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. ئالاقىدار بىر ساقچى خادىمى مەمەتتۇرسۇننىڭ كۇچا ناھىيەسىدىكى 4 لاگېردىن بىرى، يەنى ئەڭ چوڭى بولغان «3-تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ لاگېرنىڭ ناھىيە بازىرىدىن بىرئاز چەتتە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ خادىم مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ بۇ لاگېردا 10 مىڭلارچە تۇتقۇن بىلەن بىرلىكتە خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن يەنە بىرى مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ خىتاي تىلىغا پۇختا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ رىشات ۋە شەرىپە ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتى بارلىقى، شۇڭا نۇرىيەنىڭ ئۆيدە يالغۇز ئەمەسلىكى، پەقەت مەمەتتۇرسۇن دائىم تۇتقۇندا بولغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىدىكى دوختۇر ۋە سىستېرالارنىڭ ئۇنىڭغا جىددىي ھالدا كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
0:00 / 0:00