دولقۇن ئەيسا: «مەڭگۈ قايتا تەكرارلانمايدۇ دېگەن ۋەدە بىزنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇشتىن ساقلاپ قالالمىدى»

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2025.02.04
engliye-irqiy-qirghinchiliq-paaliyet-03 95 ياشلىق جازا لاگېرى شاھىتلىرىدىن مانفرېد گولدبېرگ (ئوڭدا) بىلەن دولقۇن ئەيسا (سولدا) خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن. 2025-يىلى 27-يانۋار، لوندون
RFA/Ekrem

3-فېۋرال كۈنى ئامېرىكانىڭ «تەھقىقلەش ئاخباراتچىلىقى» ناملىق تور ژۇرنىلى «مەڭگۈ قايتا تەكرارلانمايدۇ دېگەن ۋەدە بىزنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇشتىن ساقلاپ قالالمىدى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان.

ماقالە مۇنداق باشلانغان: «چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ 80 يىللىقى كۈنى، لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئۆتمۈشتىكى زوراۋانلىقلار ئەسلەپ ئۆتۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىندى. بۇ خىل سۈكۈت يالغۇز بىپەرۋالىقنىڭ ئەمەس، بەلكى بىر ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ سىگنالىدۇر. ئەگەر بىز مەڭگۈ قايتا تەكرارلانمايدۇ، دېگەن ۋەدىمىزدە چىڭ تۇرماقچى بولساق، كۈنىمىزدىكى زوراۋانلىقلارغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.»

ماقالىنىڭ داۋامىدىن مۇنداق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان: «1945-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاۇشۋىتىز-بىركېناۋ جازا لاگېرى ئازاد قىلىندى، بۇ كۈن تارىخنىڭ بەتلىرىگە مەڭگۈلۈك ئورناپ كەتتى. 2025-يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ 80 يىللىقى خاتىرىلەندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بولغانلىرىدىن بىرى، ئىشەنچ فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 27-يانۋار لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئىدى. مېنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىم، شەخسەن ماڭا نىسبەتەن گېرمانىيە گىراژدانى بولغانلىقىم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىر ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى».

لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى» كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 27-يانۋار، لوندون
لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى» كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 27-يانۋار، لوندون
RFA/Ekrem

«مەڭگۈ قايتا تەكرارلانمايدۇ دېگەن ۋەدە بىزنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇشتىن ساقلاپ قالالمىدى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزكۇر ماقالىنى يېزىشىغا 27-يانۋار لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى» دا كاللىسىغا قاتتىق تەسىر قىلغان بىر ئامىل بولغان. ئۇ ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:

«چوڭ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى پەيدا قىلغان جاراھەتلەر ۋە ئايرىلىشنىڭ ئەلەملىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ، بۇ مۇراسىمنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈردى. كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغىنى شۇكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار، مەسىلەن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، رىۋاندا، روھىنگا ۋە سۇداندا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى. ھالبۇكى، بۇ قەدەر ئومۇميۈزلۈك خاتىرىلەش مۇراسىمىدا پەقەت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىلا نەزەردىن تامامەن ساقىت قىلىندى!»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن، يەنى 3-فېۋرال كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن 27-يانۋار لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن شۇ ھەشەمەتلىك مۇراسىمدا تارىختا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ھەممە مىللەت تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئوخشاش مەزمۇندىكى مۇراسىملاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان ئىكەن.

لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى» كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 27-يانۋار، لوندون
لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى» كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 27-يانۋار، لوندون
RFA/Ekrem

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا، ئامېرىكا ۋە 10 دىن ئارتۇق دۆلەت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ بولغان بىر زاماندا، لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇنداق بىر مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنىڭ مەزكۇر ماقالىنى يېزىشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق نىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت خانىممۇ شۇ قېتىمقى مۇراسىمغا قاتناشقان بولۇپ، مۇراسىمدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭمۇ بەك پەرىشان بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ «مەڭگۈ قايتا تەكرارلانمايدۇ دېگەن ۋەدە بىزنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇشتىن ساقلاپ قالالمىدى» ناملىق ماقالىسى ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، شۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئەينى زاماندىكى جازا لاگېرى شاھىتلىرىدىن مانفرېد گولدبېرگ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقانلىقىنى ۋە 95 ياشلىق مانفرېد گولدبېرگ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.