مەرۋايىت ھاپىز: «ياش ئەۋلادلارنى رەسىم سەنئىتىدە تەربىيەلىشىم ئۇيغۇر ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ رەسساملارنى يېتىلدۈرۈش (2)

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز ئۇيغۇرلار ھاياتى ئەكس ئەتكەن ماي بوياق رەسىملىرى بىلەن گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى رەسىم سەنئىتى ساھەسىدە تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرى.

مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا بېغىشلانغان بىر تۈركۈم رەسىملىرى، يېقىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن ۋە سېتىۋېلىنغانىدى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا كۆرگەزمىگە قويغان رەسىملىرى. 2022-يىلى 14-دېكابىر، ۋاشىنگتون.

13-دېكابىر رادىيومىز رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئۇيۇشتۇردۇق. سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ رەسىملىرى ۋە رەسساملىق ھاياتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەنىدى.

بۈگۈن سۆھبەتنىڭ كېيىنكى بۆلىكىدە، مەرۋايىت خانىم ئۆزىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى رەسىم ئىجادىيىتىدىكى يۈزلىنىشى، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى رەسىم سەنئىتى بىلەن تەربىيەلەش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە رەسساملىقنى كەسىپ قىلغان ياش ئۇيغۇر رەسساملىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.