خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنى ئېچىپ، ئانا تىلىدىكى مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە زىيان بېرىۋاتقان بىر پەيتتە تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم ئاچقان «تالانتلىقلار باغچىسى» ناملىق رەسىم كۇرسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 2-ئايدا ئېچىلغان رەسىم سىزىش كۇرسىنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇملۇق ئوقۇشىمۇ باشلانغان. بىز مەزكۇر كۇرس ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تور كۇرسىنىڭ ساھىبى مەرۋايىت ھاپىز خانىم ۋە كۇرسانتلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھەممە بىردەك مەزكۇر تور ئارقىلىق رەسىم سىزىش ئۆگىتىلىۋاتقان كۇرسنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
مەرۋايىت ھاپىز خانىم ئالدى بىلەن مەزكۇر كۇرسنى ئېچىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز ئۇيغۇرلار ۋەتەن سىرتىدا قايسى كەسىپتە قايسى ساھەدە نەتىجە قازىنايلى ياكى بىر ئىش قىلايلى، ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىغا لايىق قانداق بىر ئىش قىلايلى، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور پايدىسى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور دەپ چۈشىنىمەن. ئەمدى ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇزۇندىن تارتىپ ۋەتەن ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن ئوخشىمىغان تىلدىكى مىللەتلەرگە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا كەسپىي دەرسلەرنى بەردىم. بىر بوشلۇق بار ئىدى، مۇشۇ بىلىمىمنى ئۇيغۇر بالىلارغا بەرسەم ئۆزۈمنى نېمە دېگەن بەختلىك ھېس قىلاتتىم دەيدىغان بىر ئوي-پىكرىم بار ئىدى. بىر يامان ئىشنىڭمۇ ياخشى تەرىپى بولىدۇ دەپ، كورونا ۋاباسى تارقالغاندا بەزى دوستلىرىم ‹تور ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا رەسىم سىزىش دەرسى بەرسىڭىز ياخشى بولاتتى› دېگەن تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن بۇنى ياخشى ئويلىشىپ 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ كۇرسنى ئاچقان ئىدىم».
مەرۋايىت ھاپىز خانىم بۇ كۇرسقا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ تىزىملاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭ ئېلانىنى تارقاتقاندىن كېيىن ئويلىمىغان يەردىن تېزلا ۋاقىت ئىچىدە 50 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى تىزىملاتتى. بۇ ئوقۇغۇچىلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن بار، ئامېرىكانىڭ بوستون، ۋاشىنگتون، سانفىرانسىزكو، بۇلاردىن سىرت ياۋروپانىڭ ئەنگلىيە، فىنلاندىيە، گوللاندىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلىرىدىن 48 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەندىن رەسىم سىزىش دەرسى ئالدى. بۇلارغا قاراپ مەن تېخىمۇ كۆپ خۇرسەن بولدۇم».
مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارغا-2020 يىلى2-ئايدىن 7-ئايغىچە دەرس ئۆتۈلگەندىن كېيىن-7ئايدا تەتىلگە قويۇۋېتىلگەن. مەرۋايىت ھاپىز خانىم تەتىل جەريانىدا قايتا-قايتا ئويلىنىش نەتىجىسىدە «تالانتلىقلار باغچىسى» نامىدا كۇرس ئېچىپ تېخىمۇ كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوقۇغۇچىلار 5 ئاي دەرس ئالغاندىن كېيىن، تەتىلگە قويۇپ بەردۇق، ئاندىن كېيىن بۇ ھەقتە مەندە كۈچلۈك بىر ئارزۇ پەيدا بولدى. بۇ كۇرسنى كۈچلۈك كەسپيلىكى بولغان بىر ھالەتتە داۋاملاشتۇرساق بولىدىكەن دېگەن ئوي بىلەن تەتىل جەريانىدا مەزكۇر كۇرسنىڭ نامىنى ‹تالانتلىقلار باغچىسى› دەپ بېكىتتىم. مەندىن رەسىم سىزىش كۇرسى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نە قادارتالانتلىق ئىكەنلىكى، تىرىشچانلىقى، تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلىشى، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوللىشى ۋە بالىلاردىكى تېزلا ئىلگىرىلەش قاتارلىق بۇ ئەمىلى ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، تور كۇرسىغا ‹تالانتلىقلار باغچىسى› دېگەن ئىسىمنى بەردىم. مەنمۇ بۇ كۇرسقا ناھايىتى ئەتراپلىق قارىدىم، ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا-ئانىلىرىمۇ قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن چەتئەل تىلىدا ئانا-تىلدا بىلىم ئالىدىغان بىر كۇرس بولۇپ قالدى. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ كۇرسىمىز ناھايىتى مۇھىم دەپ ئويلايمەن».
مەرۋايىت ھاپىز خانىم 21-چېسلا ھەر بىر ئوقۇغۇچى سىزغان 10دىن رەسىمنى تاللاپ، «تالانتلىقلار باغچىسى» ناملىق كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى بۇ ئۇچرىشىشتا ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا رەسىملىرىنى كۆرسىتىش، ھەتتا ئانا-ئانىلارمۇ تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇلىرىمىزنىمۇ كۈچەيتكەن بولدۇق».
تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە مەزكۇر كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھەپتىدە 9 سائەت رەسىم سىزىش دەرسى بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دەرس ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلىدىكەن. مەرۋايىت ھاپىز خانىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا 5 ئاي دەرس ئۆتۈش جەريانىدا، بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 100گە يەتسىمۇ يېتەكلەپ كېتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەرۋايىت ھاپىز خانىم 7 ياشتىن يۇقىرى، رەسىم سىزىشقا قىزىقىدىغان ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ بۇ كۇرسقا تىزىملاتسا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رەسىم سىزىش كۇرسى ئېچىلغان كۈندىن تارتىپ كۇرسقا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ سانفىرانسىسكو شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان 8 ياشلىق سەبىنە، مەرۋايىت خانىمنىڭ دەرسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، دەرسلەرنىڭ بەكلا كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
سەبىنەنىڭ دادىسى تۇرسۇنجان ئەپەندى بۇ كۇرسنىڭ چەتئەلدە ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بوشلۇقىنى تولدۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان 12 ياشلىق ئۇيغار ئابلىكىم مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ دەرسىدە رەسىم سىزىشنىلا ئۆگىنىپ قالماستىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىمۇ ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغارنىڭ ئانىسى گۈلنار خانىم ئوغلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بۇ دەرسنى ئېلىۋاتقانلىقىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇر كىملىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ كۇرسنىڭ زور پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەرۋايىت ھاپىز خانىم شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا 1983-يىلىدىن، 1996-يىلغىچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ كۆپلىگەن رەسىملەرنى سىزغان ھەم نۇرغۇنلىغان مەملىكەت دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە تاللانغان.
ئۇ 1996-يىلى گېرمانىيەگە كەلگەندىن بۇيانمۇ توختىماي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاساسەن ئۇيغۇرلار ھاياتىنى مەزمۇن قىلغان ئەسەرلەرنى يارىتىپ، گېرمانىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە كۆپلىگەن شەخسى كۆرگەزمىلەرنى ئاچقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ميۇنخېن شەھىرىدىكى چوڭ كۆرگەزمىلەرگە تاللىنىپ، سەنئەت مۇزېيلىرىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان ۋە كۆپ قېتىملاپ مەتبۇئاتلاردىمۇ تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇ 2010-ۋە 2013-يىللىرى تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردىكى دۆلەت دەرىجىلىك سەنئەت سارايلىرىدا ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمىگە قويغان.