ياۋروپادىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم پورتىگالىيە پايتەختى لىسبون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «كونكوردىيە مۇنبىرى يىغىنى» غا تەكلىپ بويىچە قاتناشقان. 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تۇرۇۋاتقان ھەر ساھەدە مۇۋاپپەقىيەتلىك بولغان مۇسۇلمانلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۆز كەسپىدە كۆزگە كۆرۈنگەن رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم تەكلىپ بويىچە قاتناشقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرۋايىت ھاپىز خانىم مۇنداق دېدى: «مەن پورتىگالىيەنىڭ لىسبون شەھرىدىن ھەممىڭلەرغا سالام يوللايمەن. لىسبون شەھرىدىكى 1400-يىلى سېلىنغان ئەڭ چوڭ چېركاۋنى مەركەز قىلغان تارىخىي زالدا ‹كونكوردىيە مۇنبىرى› نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇنبەر 2009-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. بۇ يەر شارى خاراكتېرلىق بىر قۇرۇلۇش بولۇپ، بۇ يىغىنغا ھەر ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مۇسۇلمانلار سەرخىلار، ‹قانداق قىلغاندا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرالايمىز؟› دېگەن تېمىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.»
مەرۋايىت ھاپىز خانىم بۇ قېتىمقى يىغىنغا ھەر ساھە ۋە ھەر كەسپلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان90 نەپەر مۇسۇلمان سەرخىلنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۆزىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ 13-قېتىملىق يىغىن ئىكەن. بۇ قېتىملىق يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان 90 نەپەردەك سەرخىل تەكلىپ قىلىنىپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەشىمىز سەنئەتكار ئىكەنمىز. مەن بۇ يىغىنغا سەنئەتكارلىق سالاھىيىتىم بىلەن تەكلىپ قىلىندىم. ھەر ساھەدىن كىشىلەر بار ئىكەن. مەسىلەن، سىياسەتچىلەر، كارخانىچىلار، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە يازغۇچىلار بار ئىكەن. قىسقىسى، ھەر قايسى ساھەلەردە جەمئىيەتكە ئۆزىنى قوبۇل قىلدۇرغان، قابىلىيەتلىك، ئىقتىساسلىق كىشىلەر بار ئىكەن. بۇ مۇنبەردە نۇقتىلىق ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، بۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن. بۇلار ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدىكەن، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى چۈشەنمەيدىكەن. شۇڭا مەن بۇ مۇنبەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنى ناھايىتى مۇھىم دەپ ئويلىدىم.»
1996-يىلىدىن تارتىپ گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان، ھەر قايسى دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىر بۇ قېتىم پورتۇگالىيەدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسى دۇچ كەلگەن پاجىئەلەرنى ئاڭلاتقان. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇمۇلدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئىنىسى باتۇر ھاپىز بىلەن ئۇنىڭ ئايالى گۈلسۈمئاي باتۇرنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئىنىسىنىڭ 15 يىللىق، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ 7 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. مەرۋايىت ھاپىز خانىم بۇ ھەقتە بىزگە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
«كونكوردىيە مۇنبىرى» گە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىن كېلىپ قاتناشقان تۈرك ئايال رەسسام فاھرىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى: «بىز بۇ يىغىندا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قانداق ياردەم قىلالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە باش قاتۇردۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن بەك ئەنسىرىدۇق. كۆڭلىمىز بەك يېرىم بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار مۇھىم بىر مىللەت. شۇڭا بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ھازىرقى ئېغىر بېسىم سىياسىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن نېمىلەر كېلىدۇ، نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن، دېگەن مەسىلىلەر بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. مەرۋايىت خانىم بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. مەنچە، بۇ ناھايىتى پايدىلىق بىر يىغىن بولدى.»
«كونكوردىيە مۇنبىرى» يىغىنىغا 2019-يىلى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس قاتناشقان ئىكەن.