رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ ئىنىسى ۋە كېلىنىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.04.12
رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ ئىنىسى ۋە كېلىنىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيەتلىرى.
Merwayit Hapiz teminligen
merwayit-hapiz-ijadiyet-11.jpg

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

merwayit-hapiz-ijadiyet-10.jpg

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

merwayit-hapiz-ijadiyet-9.jpg

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

merwayit-hapiz-ijadiyet-8.jpg

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

merwayit-hapiz-ijadiyet-7.jpg

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

merwayit-hapiz-ijadiyet-6.jpg

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

merwayit-hapiz-ijadiyet-5.jpg

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

merwayit-hapiz-ijadiyet-4.jpg

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

merwayit-hapiz-ijadiyet-3.jpg

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

merwayit-hapiz-ijadiyet-2

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

merwayit-hapiz-ijadiyet-1

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

merwayit-hapiz-ijadiyet

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ قۇمۇلدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئىنىسى باتۇر ھاپىز بىلەن، ئۇنىڭ ئايالى گۈلسىماي باتۇر، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قۇمۇلدىكى ئالاقىدار خادىملار، مەرۋايىتنىڭ ئىنىسى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭمۇ 2017-يىلدىن باشلاپ قۇمۇلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ئۇ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئىنىسى باتۇر ھاپىز بىلەن ئۇنىڭ ئايالى گۈلسىماي باتۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىشارەتلىك بىر ئۇچۇر ئالغان. ئەمما يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلشىپ، بۇ ھەقتە ئىلگىرىلەپ ئەھۋال سۈرۈشتە قىلالمىغان ۋە ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغان. ئۇ پەقەت يېقىندا قۇمۇلنى زىيارەت قىلغان بىر تونۇشى ئارقىلىق ئىنىسىنىڭ 15 يىللىق، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بولسا 7 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكىدىن ئېنىق ھالدا ئۇچۇر ئالغان.

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم ئىنىسى باتۇر ھاپىز ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن قۇمۇلدىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باتۇر ھاپىز 1973-يىلى، گۈلسىماي 1975-يىلى تۇغۇلغان. ئۇلار ياشلىرى 50 كە يېقىنلاشقان ۋە ئىككى پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپكە يولغا سالىدىغان مەزگىلىدە، بۇ قىسمەتكە دۇچ كەلگەن.

مەرۋايىتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىنىسى باتۇر ھاپىز ۋە ئايالى گۇلسىماي باتۇر قۇمۇل ئاستانە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇلار مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە سادىق ھالدا ياشاپ كەلگەن، ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا، خىتاينىڭ نەزىرىدە خەتەرلىك كىشىلەر بولۇپ كۆرۈلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، قۇمۇلدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ خادىمى، باتۇر ھاپىز بىلەن گۈلسىماي باتۇرنىڭ قۇمۇل شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئىنىسىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەشكە ئۆزىنى ئاتىغان مەسئۇلىيەتچان بىر دادا ئىكەنلىكىنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مەرۋايىت خانىم، ئىنىسىدىن بەكرەك، كېلىنىنىڭ ھەر جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇمۇل شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ يەنى ئاستانە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ خادىمى، باتۇر ھاپىزىنڭ خىزمەت ئورنىدا بار ياكى يوق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن «يوق» دەپ جاۋاب بەردى. ئۆزىنىڭ مەكتەپ ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بۇ خادىم، قولىدىكى ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىكىدە گۈلسىماي باتۇر ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن «بۇرۇن بولغانمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا «بولغان «دەپ جاۋاب بەردى. بىز بۇ خادىمدىن باتۇر ھاپىز بىلەن گۈلسىماي باتۇرنىڭ قانچە يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، تېلېفوننى مەزكۇر ئىشخانىدىكى يەنە بىر خادىم قولىغا ئالدى ۋە بۇ تېلېفوننىڭ ئۆزلىرىگە خاتا ئۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئېنىقلاۋاتقان ئىشىمىزنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ئىشارەتلىدى.

بۈگۈنگە قەدەر گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىگە، ئۆز كەسپىي ساھەسى بويىچە ھەسسە قېتىپ كېلىۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم، ئىنىسى ۋە كېلىنىنىڭ بۇ تەقدىردىن ئېنىق خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، سىياسىي پائالىيەتلەردە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئېلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدا، رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ ئىنىسى باتۇر ھاپىز بىلەن ئۇنىڭ ئايالى گۈلسىماي باتۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.