ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، لاگېردىكى ئاپىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مەريەم سۇلتان، بۇ يىل 1-ئايدا ئۈندىداردىن ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا مۇۋەپپەق بولغان. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىشىغا ئوتتۇرىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىغان بىر دوستى، ئۇنىڭغا ئاپىسىنىڭ مەكتەپتىن چىققانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپىسى ئۇنىڭ ۋىدېئولۇق كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە بىرقانچە قېتىم ئۈندىداردا سۆزلەشكەندىن كېيىن، مەريەم سۇلتاننى ئۈندىداردىن تەكرار چىقىرىۋەتكەن. نۆۋەتتە مەريەم سۇلتان ئاپىسىنىڭ لاگېردا ياكى ئۆيىدە ئىكەنلىكىدىن يەنىلا خەۋەرسىز.
«يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ۋەزىيىتىنىڭ دىققەتنى ئەڭ تارتىدىغان بىر نۇقتىسى، بۇ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلەردىن، ھازىرغا قەدەر چەت دۆلەت پۇقرالىرىدىن باشقا، قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بولماسلىقىدۇر. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلەردىن بىرقانچىسىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. ئەمما قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى، لاگېردا تۇتقۇنلارنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلسە، ئاۋۋال لاگېرغا تەۋە داۋالاش ئورنىدا داۋالىنىدىغانلىقى، ئەگەر ئېغىرراق بولسا ئائىلىسىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ياخشىلانغان ھامان لاگېرغا قايتۇرۇلۇپ ئەكېلىدىغانلىقىنى پاش قىلغان. ئالدىنقى ھەپتە خەلقئارا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن غايىب ئانىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانت مەريەم سۇلتان، ئۆز باياناتىدا، ئارىلىقتا ئانىسى ئايخان سۇلتان بىلەن بىر قانچە رەت سۆزلەشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
مەريەم سۇلتان ئارىلىقتا ئانىسى بىلەن بىرقانچە رەت سۆزلىشىشكە مۇۋەپپەق بولالىشىنىڭ جەريانى ۋە سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.
ھازىرغا قەدەر مۇھاجىرەتتىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىلەردىن خالمۇرات ئۇيغۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە تاھىر مۇتەللىپ قاھىرىنىڭ دادىسىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەگەر مەريەم سۇلتانىڭ پەرەزلىرىدىن كېيىنكىسى توغرا بولسا، ئۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، خىتايغا قارشى ئاكتىپ پائالىيىتى ئارقىلىق، ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقى ئاشكارىلانغان 3 -كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00