مەسئۇت ئۆزىلىنىڭ «شەرقى تۈركىستان چاقىرىقى» زور غۇلغۇلا قوزغىدى

0:00 / 0:00

13-دېكابىر گېرمانىيەلىك مەشھۇر تۈرك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل تىۋىتتېر، فېيسبۇك، ئىنىستىگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى شەخسىي ھېسابىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغان مۇسۇلمان دۇنياسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان مەزكۇر بايانى خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى تارتقان.

مەسئۇت ئۆزىلنىڭ بايانىدا «قۇرئانلار كۆيدۈرۈلۈۋاتىدۇ، مەسچىتلەر يىقىلىۋاتىدۇ، مەدرىسىلەر چەكلىنىۋاتىدۇ، دىنىي ئۆلىمالار ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئەرلەر لاگېرلارغا سولىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئەرلىرى ئائىلىلەرگە يەرلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئاچا-سىڭىللار خىتاي ئەرلىرى بىلەن ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ» دېگەن جۈملىلەر يەر ئالغان. مەسئۇت ئۆزىل يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىۋاتقان مۇسۇلمان دۇنياسىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن: «غەرب تاراتقۇلىرىدا، غەرب دۆلەتلىرىدە بۇ مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقاندا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە تاراتقۇلار قەيەردە؟! ئۇلار زۇلۇم بولۇۋاتقان يەردە تەرەپسىزلىك قىلىشنىڭ نومۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟»

مەسئۇت ئۆزىلنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى ئىنكاسىدىن كىيىن ئۇ توپ تېپىۋاتقان ئارسېنال كۇلۇبى بايانات ئېلان قىلىپ، مەسئۇت ئۆزىلنىڭ مەزكۇر كۆز قارىشىنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبىنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئارسېنالنىڭ مەزكۇر باياناتى خەلقئارالىق تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قاتتىق تەنقىدلەنگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 16-دېكابىر كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. جۇڭگو تارىخىدا شىنجاڭ ئەزەلدىن ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتالغان ئەمەس. بىز مەسئۇت ئۆزىلنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز. ئەگەر ئۇنىڭدا ئاق-قارىنى ئايرىيالىغۇدەك، ئادالەتنى ياقلىيالىغۇدەك ۋىجدان ۋە پرىنسىپ بولىدىغان بولسا، ئۇ ‹پۈتۈنلەي باشقىچە بىر شىنجاڭ› نى كۆرىدۇ،» دېگەن. 15-دېكابىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بىرلەشمە ئوبزور ئېلان قىلىپ، مەسئۇت ئۆزىلىنى خىتايغا دۈشمەنلىك قىلىپ جىھادى گۇرۇپپىلارغا ياردەم بېرىشنى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا شىنجاڭ مەسىلىسى تۈپەيلى خىتايغا قارشى نەپرەت شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن. خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالغاندىن كىيىن خىتاينىڭ داڭلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇسى - ۋىيبودا مەسئۇت ئۆزىلگە قارشى تەشۋىقات كۈچەيگەن بولۇپ، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلىدا تارقىتىدىغان مانچېستېر ۋە ئارسېنال كۇلۇبى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقەنى تارقىتىشنى بىكار قىلغان. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر مۇسابىقىنى تارقىتىشنى بىكار قىلىشنىڭ سەۋەبى مەسئۇت ئۆزىلىنىڭ ئىنكاسى سەۋەبلىك ئىكەن. شەنبە كۈنى خىتايدىكى ئىزدەش ماتورلىرىدا ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىققان مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئىسمى يەكشەنبە كۈنىدىكى «ئەڭ كۆپ ئىزدەنگەنلەر» تىزىملىكىدە ئورۇن ئالمىغان.

خىتاينىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىسى دۇنيادا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە بولۇۋاتقان تېمىلاردىن بىرى بولۇپ، 16-دېكابىر ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تىۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ تور چەكلىمىسى يەرشارىۋىي مەسىلىدۇر. يېڭى بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۇنيادىكى ئىنتېرنېتقا ئەڭ ئېغىر بىسىم ئىشلىتىدىغان دۆلەت بولۇپ، ھەتتا خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ سىرتىدىكى ئىنسانلارمۇ بىخەتەر ئەمەس.»

مەسئۇت ئۆزىلنىڭ چاقىرىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كىيىن گېرمانىيەلىك رەپ ناخشىچى كاپىتال بىرو ئىنىستاگرامدىكى باش سۈرىتىگە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىنى چىقىرىۋالغان. مىسىرنىڭ سابىق دۆلەت كوماندىسىنىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى مۇھەممەت ئەبۇ تۈرەيكە مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە مەسئۇت ئۆزىلىنى: «جەسۇر پوزىتسىيەسى بىلەن تەنتەربىيەچىلەرگە ئۈلگە بولدى» دەپ تەرىپلىگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە يەنە نۇرغۇن تور چولپانلىرى، كومېدىيە ئارتىسلىرى، مودېللار، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىلىرى كەينى-كەينىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىدىغان ئىنكاسلارنى ۋە سۈرەتلىك چاقىرىقلارنى ھەمبەھىرلەشكە باشلىغان. تۈركىيەدە داڭلىق كىنو ئارتىسى نەجاتى شاشماز ۋە داڭلىق تۈرك روك ناخشىچىسى ھالۇك لەۋەنىت ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى شەخسى ھېسابلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆز قارشىنى ئورتاقلاشقان.

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە مودا، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ئىنكاس بىلدۈرۈشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داڭلىق شەخسلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ئىنكاس بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. تاھىر ئىمىن ئەپەندى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا ئوينايدىغان رولى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىنكاس بىلدۈرۈشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. بۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ خىل ئامىلنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. بىرىنچىدىن مەشھۇر شەخسلەر جەمئىيەتتە ئېتىراپ قىلىنىدىغان، جەمئىيەتتە نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى ۋە قارشى تۇرغۇچىلىرى بولغان، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان فوكۇس نۇقتىسى بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. بۇ خىل ئەھۋالدا بىرىنچى خىل تەرىپى كىشىلەرنى ئەگەشتۈرۈش، قوللىغۇچىلىرىنى، مەستانىلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاشتا رىغبەتلەندۈرۈش. مەسىلەن، مەسئۇت ئۆزىلىنىڭ پۇتبول مەستانىلىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ، خىتاي ھۆكمىتىنى ئەيىبلەيدىغان ئەگەشمە مەزمۇنلارنى قايتا قايتا يوللىدى. يىغىنچاقلىغاندا، بىرىنچىسى قوللاش ۋە ئەگىشىشتۇر. ئىككىنچىسى، غايەت زور مۇنازىرە قوزغاش. مەيلى قوللىغۇچى ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلار ئوتتۇرىسىدا بولسۇن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مۇنازىرە قوزغايدۇ. بۇ مۇنازىرىنىڭ ئەھمىيىتى، كىشىلەرگە تاراتقۇدا، نامايىشلاردا، ئىلمىي ماقالىلەردە بىلدۈرەلمىگەن مەسىلىلەرنى ئاۋام خەلققە بىلدۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ. بۇنىڭ مۇنازىرە رولى ئىنتايىن چوڭ.

ئۈچىنچىسى، ئەگەر مەشھۇر شەخسنىڭ باياناتى كەسكىن ۋە قاتتىق بولغاندا خەلقئارالىق سۈركىلىش ۋە مەسىلىلەرگە سەۋەب بولۇشى مومكىن.»

تاھىر ئىمىن ئەپەندىم زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە مۇھىم مىساللار بىلەن مەسئۇت ئۆزىلى سەۋەب بولغان خەلقئارالىق سۈركىلىشنى ئىزاھلاپ بەردى.