مايك پومپېيو نۇرېمبۇرگ سوتىنىڭ 75 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-11-23
Share
Mike-Pompeo-20201122.png ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن ئېچىلغان نۇرېمبۇرگ سوتىنىڭ 75 يىللىق خاتىرە كۈنىدە سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 20-نويابىر.
Social Media

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن ئېچىلغان نۇرېمبۇرگ سوتىنىڭ 75 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىغا قارشى سۆزلەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن ئانالىزچىلار، بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، يەنى 1945-يىلى 20-نويابىر ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقىدا خەلقئارا ھەربىي سوت ئېچىلىپ، تېرىك قولغا چۈشۈرۈلگەن ناتسىستلار رەھبەرلىرى، جازا لاگېرلىرى قاراۋۇللىرى، دوختۇرلار ۋە سودا-سانائەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جاۋابكارلار «ئۇرۇش جىنايىتى»، «تىنچلىققا قارىشى جىنايەت» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لەر بىلەن سوتقا تارتىلىدۇ.

سوت گېرمانىيەنىڭ نۇرېمبۇرگ شەھىرىدە ئېچىلغان بولغاچقا دۇنيا تارىخىدا «نۇرېمبۇرگ سوتى» دەپ ئاتىلىدۇ. 

تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەزكۇر سوت ئېچىلغانلىقىنىڭ 75-يىللىقنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلغان ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «ناتسىستلارنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرى، زور قىرغىنچىلىقى ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئۆتكۈزگەن ۋەھشىيلىكلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

مايك پومپېيونىڭ نۇتۇقىدا ئالاھىدە دىققەت چېكىدىغان بىر نۇقتا بولسا، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە قارشى نۆۋەتتىكى ھۇجۇملار قاتارىدا ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇشلارنى تىلغا ئېلىشى ئىدى. 

مايك پومپېيو مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا يەنىلا ھوشيار ۋە قەتئىي بولۇپ، ئەڭ ئالىي غايىلىرىمىزنى ھىمايە قىلىدۇ. بىز بىلەن بىللە تۇرغان ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. تارىخ ۋە 600-نومۇرلۇق سوت زالىنىڭ ساۋاقلىرىنى ئۆگىنىشنى داۋاملاستۇرايلى. دۆلەتلىرىمىز 75 يىل مۇقەددەم ئورناتقان يۈكسەك ئۆلچەملەر كۈتكەن يەردىن چىقايلى.

ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە قارشى ھۇجۇملارنى قەيەردە كۆرسەك، مەيلى ئۇلار ھەر خىل رەزىللىك دەرىجىسىدىكى ئانتى-سېمىتىزم، رادىكال ئىسلامىي تېررورىزم، ياكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشى بولسۇن، دادىل ھالدا ئۇلارغا قارشى سۆزلەيلى.»

ئۇنداقتا ناتسىست رەھبەرلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن جاۋابكارلىققا تارتىلغان مۇشۇنداق بىر تارىخي كۈننى خاتىرىلەش نۇتۇقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغان ئېلىنىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ 

بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مايك پومپېيو بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. 

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، مايك پومپېيونىڭ بۇ سوزلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى جازاغا تارتىلىدىغان ئۇ كۈننىڭ ھامان كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئۈمىدنىڭ سىگنالىنى بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي دائىرلىرى 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا 1. 8 مىليوندىن، 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغان.

خىتاينىڭ يەنە ئۇيغۇرلارغا قارشى نوپۇس كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىگە مەجبۇرلىغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ئامېرىكا يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى بۇ يىل مارتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكادىكى سىياسىي ئوبزورچى گوردون چاڭ ئەپەندىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىمۇ سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي تىبەت ۋە ئۆزى ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتايدىغان ئۇ جايدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. شىنجاڭدا بېيجىڭ دائىرىلىرى مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جازا لاگېرىغا تاشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى غايىب قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، قۇل قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى شىركەتلەرگە سېتىش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىشنى تۈزۈملەشتۈردى، ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، بالىلارنى تۈرمىگە ئوخشايدىغان ئاممىۋى دارىلئېتاملاردا تۇتۇپ تۇرماقتا، ھەتتا بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئالماقتا. خىتاينىڭ جىنايىتى ئۈچىنچى ئىمپېرىيەنىڭ 1941-يىلى كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش قىرغىنچىلىقلىرى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى جىنايىتىدىنمۇ ئېغىر.»

گوردون چاڭ يەنە بۇ قىلمىشلاردا قولى بار خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ نۇرېمبۇرگ سوتىغا ئوخشاش بىر سوتتا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل قىلمىشلارنى بىۋاسىتە سادىر قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى نۇرېمبۇرگ سوتىغا ئوخشاش شەكىلدە سوتلىنىشى كېرەك. شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ باشقا دائىمىي ئەزالىرىمۇ جازاغا تارتىلىشى كېرەك. ئۇلار بۇ جىنايەتلەرگە تەستىق سالغان كىشىلەردۇر. ئىشىنىمەنكى، بۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇردۇر.»

1945-يىلى 8-ماي كۈنى ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە تەسلىم بولغان كۈن ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن، ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى قانۇن بويىچە سوتلاش ئىشى باشلانغان ئىدى. 

تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 1945-يىلى 20-نويابىردىن، 1946-يىلى 1-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلغان سوتتا ناتسىستلارنىڭ ھايات قالغان يۇقرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، ھەربي ئەمەلدارلىرى، لاگېر تۇتقۇنلىرىنى قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن نوپۇزلۇق سودىگەرلەر بولۇپ جەمئىي 161 ئادەم جازالانغان، بۇلارنىڭ 37 يەنە نەپىرى ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان. 

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە خەلقئارا سوتنىڭ مۇرەككەپ باسقۇچلىرى سەۋەبلىك خىتاينى سوتقا تارتىش ئىنتايىن مۇشكۇل بىر ئىش بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى دائىم تەكىتلەپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن 

گوردون چاڭمۇ بۇ پىكىردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن خىتاي رەھبەرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ سوتلىنىدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، ئەمما بىز ئەمدى بۇ ھەقتە گەپ قىلىشنى باشلىشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ توغرىلىق سۆزلەش ئۇلارنى جىنايىي جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت